يەر شارى تورى خەۋىر لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا ۋاشىنگىتون دۆلەت دەرىجىلىك ھايۋانات باغچىسىدىكى چولپان مۈشۈك ئېيىق بالىسى باۋ باۋ يېقىندا ساياھەتچىلەرنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئىش قىلدى .چۈنكى ئۇ چۆچۈپ كەتكەچكە دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ كېچىنى دەرەخ ئۈستىدە ئۆتكۈزدى .لېكىن ھايۋانات باغچىسى تەرەپ 28-دېكابىر مۈشۈك ئېيىق بالىسىنى دەرەختىن چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى نۆۋەتتە ھەممە ئىشلارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
23-دېكابىر ئامېرىكا ۋاشىنگىتون دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر مۈشۈك ئېيىق بالىسى باۋ باۋنىڭ بىر دەرەخكە چىقىۋېلىپ چۈشۈشكە ئۇنىمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىدى .24- دېكابىر ھايۋاناتلار باغچىسى تەرەپ ،23-دېكابىر بۇ مۈشۈك ئېيىقنىڭ كۈچلۈك نۇر تەسىرىدىن چۆچۈپ كېتىپ دەرەخكە چىقىۋالغانلىقىنى ،ئۇ ھەرىكەتنى كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ،بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش پائالىيىتى دائىرسى ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
ھايۋانات باغچىسى خادىملىرى مۈشۈكئېيىق بالىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاپىسى مىشياڭنى ئەۋەتكەن .مىشىياڭ كېچىنى بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن .يەنە بىر خادىممۇ كېچىچە بۇ ئانا بالا ئىككىسىنى كۆزەتكەن ،24-دېكابىر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۆزىنى تەڭشىگەندىن كېيىن يەرگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved