جاھان ئاگېنتلىقى 24-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى سۇرىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ھاسەكە ۋىلايىتىدىكى سۈريانى يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ 90 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. باش مەركىزى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندونغا جايلاشقان سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ھاسەكە ۋىلايىتىنىڭ سۈريانى بازىرى تېل تامىر رايۇنى ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى. مەزكۇر تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا 90 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. كۈرت قۇراللىقلىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى كوبانى رايۇنىدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن بۇ تەشكىلات قولىدىكى بىر قانچە يېزىلارنى قايتۇرۋالغان ئىدى.ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كوبانى ۋە جەرابلۇس ئارىسىدىكى غەرب تەرەپتىكى مۇھىم ئورۇندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ھاسەكە رايۇنىدا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved