ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئۇلارنىڭ كىملىكىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، شەكلى بىرلىككە كەلگەن، لېكىن نومۇرى خاسلىققا ئىگە. ئەگەر بىرەر ئاپتوموبىل قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا ئۇنىڭ نومۇرىنى بىلسەكلا ئاپتوموبىلنى ھەم ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسىنى تاپالايمىز. شۇڭا نومۇر تاختىسىنى توغرا، ئۇچۇق قېلىپ ئېسىش كېرەك. بىراق، بەزىلەر نۇرغۇن ئاماللارنى ئويلاپ نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويىدۇ. ھەتتا، بىر قىسىم كىشىلەر يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىدىغان بولغان.
16-ئاپرېل، 20نەچچە ئاپتوموبىل نەنچاڭ–جيۇجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ نەنچاڭنىڭ شەرقىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەن. بۇ ئاپتوموبىللارغا پىلاكات چاپلانغان، يەنە كىلىپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نومۇر تاختىسى جيۇجياڭ توپ مەستانىلىرى دېگەن خەت بىلەن توسۇپ قويۇلغان. ئاپتوموبىل ئەتىرىتى ھەق ئېلىش پونكىتىغا كىلىپ توختاپ، بىر توپ ئادەم چۈشكەن. جياڭشى ئۆلكىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول گۇرۇھى نەنچاڭ شەرقى ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ يەنلىڭ مۇنداق دېدى: بىشەملىك قىلىپ بىز بىلەن تالاشتى، بىز دېگەن توپ مۇسابىقىسى كۆرگىلى كەلدۇق ، پۇل تاپشۇرمىساقمۇ بولىدۇ، دېدى.بىز ئۇلارنىڭ پۇل تۆلىمەي ئۆتۈش تەلىپىنى رەت قىلدۇق.
ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى توساقنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتوموبىلنى زورلۇق ھەيدەپ ئۈتۈپ كەتكەن. ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا جەمئىي 18 ئاپتوموبىل زورلۇق بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن. كېيىن قاتناش ساقچىسىنىڭ توسىشى بىلەن ئۈچ ئاپتوموبىل نورمال ھەق تۆلىگەن. قالغان 25 ئاپتوموبىل ھەق تاپشۇرمىغان بولۇپ 2125 يۈەننى تۆلەشتىن قاچقان.
ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى قەستەن ئاپتوموبىل نۇمۇر تاختىسىنى توسۇش، ھەق تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش، زورلۇق بىلەن ئۈتۈپ كېتىش قىلمىشلىرىغا جەرىمانە قويغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى جۇجيەننىڭ مۇنداق دېدى: يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 90-ماددىسىغا ئاساسەن، بىز 200 يۈەن جەرىمانە قويدۇق بىر قېتىمدا 12 نۇمۇر تارتتۇق. نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى گاۋشىن شۆبە ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بى جىجوڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر توساقتىن بۆسۈپ ئۈتۈش پەيدا قىلغان ئومۇمنىڭ شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈك زىيىنى 5مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى بولسا، ھەتتا جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا، ئاپتوموبىللارنڭ نۇمۇر تاختىسىنى توسۇپ قويۇش ئۇسۇلىمۇ ھەر خىل، مەسىلەن نومۇر تاختىسى ئۈستىگە قارا لاتا ياكى سۇلياۋ چاپلاپ قويۇش، يالغان نومۇر تاختىسى ئىشلىتىش، نومۇر تاختىسى مەينەت بولۇپ كەتكەندە سۈرتمەسلىك قاتارلىقلار. ئاپتوموبىل نۇمۇر تاختىسىنى توسۇش ئاسان، بىراق بالا قازادىن قېچىپ قۇتۇلۇش تەس. ئېلىمىزنىڭ يول قاتناش قانۇنىنىڭ 11-ماددىسىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نۇمۇر تاختىسىنى بەلگۈلىمە بويىچە ئېسىش ھەمدە پاكىز تۇتۇش كېرەك. قەستەن توساپ قويۇشقا مەينەت قىلىپ بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2013-يىللىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى پىراۋىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلمىسىدە يولدا قاتناۋاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئاسمىغان ياكى قەستەن توسۇپ قويغان، بۇزۇۋەتكەن، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىلمىغان بولسا 12نومۇر تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا، نومۇر تاختىسىنى توسۇپ قويىدىغان بۇ ئۈسكۈنىلەر نەدىن كەلگەن؟ مۇخبىر توردىن نومۇر تاختىسىنى توسقۇچ ئىزدەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكىنى ھەمدە ئاسان سىتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. مۇخبىر بېيجىڭدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى شەھەرچىسىدە زىيارەتتە قىلىپ ئىگەللىشىچە ئالاقىدار بويۇملارنى سېتىۋېلىشنىڭ ئاسانلىقىنى، بۇنداق نومۇر تاختىسى توسىغۇچنىڭ ئاران 10يۈەنلىكىنى بايقىغان.
نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويۇش قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىغانلىق، شۇنداقلا جەرىمانىدىن قاچقانلىق. بۇ قانۇنسىز ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يولغا چىقىشى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېنىقلا زور خەۋىپ بولۇپ، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ يىل 1-ماي يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى يولغا قويۇلغىنىغا توپتوغرا 10يىل بولدى. ئۇنداقتا تاھازىرغىچە مۇشۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى تۈزەتمىگەن بىر قىسىم شوپورلارغا ئامال يوقمۇ؟ ئىشىنىمىزكى، ئالاقىدار تارماقلار تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرغاندا، بۇنداق قانۇنغا قىلاپ قىلمىشلار بارغانسىرى ئازىيىدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved