تېڭشۈن تەنتەربىيىسى بۈگۈن چوقۇم ئوقۇشقا تىگىشلىك خەۋەرلەر توپلىمى لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
1.روننىي پسخىكا دوختۇرلىرىدىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن بېسىمنى يىنىكلىتىشكە ياردەم بېرىشنى سورىدى.
يارىلىنىش ۋە كوماندىنى يىتەكلەپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت قوش بېسىم ئىنگىلاند پۇتبول چولپىنى «ۋاينې.روننىي»غا ئازبولمىغان بېسىم ۋە ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.«ئې س پ ن»مۇنداق خەۋەر قىلدى، روننىي بېسىمنى يىنىكلىتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن پىسخىكا دوختۇرلىرىدىن مەسلەھەت ئالغان.
2. كوستا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ساقىيىپ ئەتىكى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ قاتناشماقچى.
«دىيېگو.كوستا»نىڭ ئەسلىگە كىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېز بولدى، ئەتە سەھەردىكى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىش ئىھتىماللىقى چوڭ، بۇ خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى ئۈچۈن بىر يامان خەۋەر ئەلۋەتتە.شەرقى ياۋروپالىق خىسلەتلىك دوختور ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسلىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئەسلا ئۈمۈد قالمىغان كوستانىڭ يارىسىنى داۋالاپ ھەيران قالارلىق ھالدا تېز ساقايتىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
3.رېپىرنىڭ خاتا ھۆكۈمى سەۋەپلىك لىپى جازاغا ئۇچرىدى.
جۇڭگۇ پۇتبولچىلاربىرلەشمىسى تۈنۈگۈن گۇاڭجوۋ خېڭدا كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى لىپىغا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى، سەۋەبى: لىپىنىڭ مۇسابىقىدىن كىيىن نامۇۋاپىق سۆزلەرنى قىلغانلىقى ھەمدە مۇسابىقە ئاياغلاشمايلا مەيداندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لىپىنى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختۇتۇش ۋە8000يۈەن خەلىق پۇلى جەرىمانە قۇيۇشنى قارار قىلغان. مۇسابىقىدە باش رېپىر نۇرغۇن قېتىم خاتا ھۆكۈم چىقارغاچقا لىپى مۇسابىقە تۈگىمەيلا مەيداندىن چىقىپ كەتكەن.
4.ياۋمىڭ« ن ب ئا» دىكى تېز كىمە كوماندىسىنى سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىقى بارلىقىنى دىدى.
تېزكىمە كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى سىتېرلىننىڭ كۇلۇبنى سېتىۋېتىش خىيالى بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تېزلىكتە خەۋەر ئېلان قىلىپ ياۋمىڭنىڭ تېزكىمە كۇلۇبىنى سېتىۋېلىش خىيالى بارلىقىنى دىگەن بۇخەۋەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك قارشىلىق قوزغىغان، ياۋمىڭمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ .ئۆزىنىڭ كۇلۇبنى سېتىۋېلىش مۇمكىنچلىقىنىڭ بارلىقىنى ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەلى ھەرىكەت قىلغمىغانلىقىنى ئېيىتقان.
5.چېلسې مۇداپىئەچىسى50مىلىيۇنلۇق باھا بىلەن پارىژ سائىنت گېرمان كۇلۇبىغا يۆتكەلدى.
چېلسې كۇلۇبنىڭ ئورگان تورىدا ئاشكارلاپ بىرازىلىيىلىك تەنھەرىكەتچى «داۋىد.لۇئىز»نىڭ پارىژ كۇلۇبىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، پارىژ كۇلۇبىنىڭ كوماندا دوختۇرى بىرازىلىيىگە بېرىپ «داۋىد.لۇئىز»نىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەن. «ئالەم تەنتەربىيىسى»ئاشكارلاپ بۇ يۆتكىلىش سودىسىنىڭ50مىليۇن فوندسىتېرلىڭ بولغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «داۋىد.لۇئىز»ئىلگىرىكى«تىياگو.سېلۋا»نىڭ يۆتكىلىش باھاسىدىن ھالقىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئوتتۇرا مۇداپىئەچى بولۇپ قالدى.
6.ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككى زەردار كۇلۇب ئېلكېسسونغا قىزىقىپ قالدى.
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى زەردار كوماندا خەلىقئارا مىلان كۇلۇبى گۇاڭجوۋ خېڭدا كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى «ئېلكېسسون»نى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى خەۋىرى تارقالغاندىن بېرى بۇ خەۋەر قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. لىكىن ئېلكېسسوننىڭ ۋاكالەتچىسى گۇستاۋو بايان قىلىپ مۇنداق دىدى: قاتاردىكى مەلۇم بىر كۇلۇب ۋە ئىتالىيىنىڭ ناپولىس كۇلۇبى ھازىر گۇاڭجوۋ خېڭدا كۇلۇبىغا باھا ئېيتقان، خېڭدا تەرەپ بولسا ئېلكېسسونغا20مىڭ ئامېرىكا دوللىرى چەك قويغان. ئوخشاشلا خەلقئارا مىلانمۇ ئېلكېسسوننى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ بۇ جەھەتتە ئازراق ئىلگىرلەش بولغان.
7.تۇلۇن لوڭقىسى جۇڭگۇ1-1فىرانسىيە.
جۇڭگۇ كوماندىسى تۇلۇن لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى رەقىبى بولسا فىرانسىيە ياشلار كوماندىسى، مۇسابىقە نەتىجىسى1-1بولۇپ ساھىبخان كوماندا فىرانسىيە بىلەن تەڭلەشتى.كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە51مىنۇت بولغاندا فىرانسىيە ئاۋال بىرتوپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى، ئارقىدىن ۋاڭ شىنخۈي بىۋاستە ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نۇمۇرنى تەڭلەشتۈردى. ئالدىنقى مەيدان3مىنىۇت بولغاندا جۇڭگۇ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزگەن ئەمما رېپىر بۇ توپنى ئافسايىت دەپ ھۆكۈم قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved