ئاياللار ئىقتىساد باشقۇرۇشتا نىشاننى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئاياللىرى ھەر قايسى باسقۇچلاردا قانداق نىشانغا يېتىدىغانلىقىنى، مەسىلەن: قانداق چاغدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ئۆينى يېڭىلايدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك پۇل تەييارلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىم. نىشان ئېنىق بولغاندا ئاندىن نىشانغا يېتىدىغان قەدەم – باسقۇچلارنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: شەھەر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ خاراكتېرى، خىزمەت ئەھۋالى ھەم يېشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئىشەنچلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا بۇ نىسبەتنى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوند بىلەن ‹‹ئاياللار ساغلاملىقى سۇغۇرتىسى›› ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سالغاندا، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشىدىن پەيدا بولىدىغان چوڭراق خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ پۇل خەجلىگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغانلارنى ‹‹قەرەللىك پۇل ئامانەت قويۇش››قا مەجبۇرلىيالايدۇ. شۇڭا بۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىشمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ياخشى چارە. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە: ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا بەش ياشتىن سەككىز ياشقىچە ئۇزاق بولىدىكەن. شۇڭا ئاياللار ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىشتا دۇچ كېلىدىغان خەتەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
ھېساباتنى خاتىرىلەشكە ئادەتلىنىش كېرەك. ‹‹پۇل مۇئامىلە ساھەسى›› تور بېكىتىنىڭ بۇ يىل 3 – ئايدىكى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ‹‹ئىستېمالدا ئالدىغا كېتىش، خەجلىگىنى تاپقىنىدىن كۆپ بولۇش›› نۇرغۇن ئايالنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىكەن. ھېساباتنى خاتىرىلەش ئادىتى ئاياللارنىڭ ‹‹ئىستېمال قىزغىنلىقى››نى پەسەيتەلەيدىكەن. ئەقىللىق ئاياللار ھېسابات دەپتىرىگە قاراپلا، قايسى پۇلنى ئورۇنلۇق خەجلىگەنلىكىنى، قايسى پۇلنى كاللىسى قىزىپ قالغاندا بۇزۇپ – چېچىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىكەن – دە، شۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved