ساركوزى سىياسىي مۇنبەرگە يەنە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

‏فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساركوزى ئىككى يىل سۈكۈتتە تۇغاندىن كېيىن، يېقىندا تاراتقۇلاردا يەنە سىياسىي مۇنبەرگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ساركوزى فىرانسىيە زۇڭتۇڭلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇنازىرە قوزغىغان زۇڭتۇڭلارنىڭ بىرى، 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ساركوزى ئەگەر داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولالمىسام سىياسىي مۇنبەردىن چېكىنىمەن، فرانسىيەلىكلەرمۇ مېنى كۆرەلمەيدۇ، دېگەن ئىدى، نەتىجىدە ساركوزى راستتىنلا ئۇتتۇرۇپ قويدى.


ئارىدىن 28 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرمىدى. بىراق ساركوزى سىياسىي مۇنبەردە بولمىسىمۇ، سىياسىي مۇنبەردە ئۇنىڭ سۆزلىرى بولۇپ تۇردى. يېقىنقى ئىككى يىلدا ساركوزى قەيەرگە كەتتى؟ ساركوزىنىڭ مەردانىلىك بىلەن قايتا ئوتتۇرغا چىقىشى ئۆزى ئېيتقاندەك مەجبۇرى بولغان ئىشمۇ؟
ساركوزىنىڭ ئېلىسى سارىيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئاساسلىق خىزمىتى نۇتۇق سۆزلەش بولدى، بۇنىڭدىن كۆپ كىرىم قىلدى. بىراق پۇل تاپقىنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇ ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئىش.


2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ساركوزى ئازراقلا ئاۋاز بىلەن ھوللاندىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ ساركوزىغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولدى، ساركوزى تەختتىن چۈشكەن دەسلەپكى نەچچە ئايدا، ئاممىنىڭ نەزىرىدىن يوقىدى.


ساركوزى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىدى، ئۇ فرانسىيەلىكلەر تەرىپىدىن ھەشەمچى زۇڭتۇڭ دەپ ئاتالدى. ئېلىسى سارىيىدىن ئايرىلغان ئىككى يىلدا ساركوزى بۇرۇنقىدەك كۆرەڭلىك كەتمىدى. ئۇ ئايالى بىلەن دېڭىز بويىدىكى داچىسىدا بىر قانچە ئاينى ئۆتكۈزدى، كانادا ۋە مۇناگوغا بېرىپ ساياھەت قىلدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى سۆرەتلىرىگە قارىغاندا ئۇ ئاپتاپ سۇنۇپ قارىداپ قالغان، ساقال-بۇرىتىمۇ ئالمىغان بولۇپ، ناھايىتى ئازادە تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ساركوزى ئايالىنىڭ ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقاندا ھاياجانلانغان تاماشىبىنلار ساركوزىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ۋارقىرىدى، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
لېكىن ساركوزى خاتىرجەم پېنسىيىگە چىقىپ تۇرمۇشتىن ھوزور ئالغان كىشى ئەمەس. ئۇ بىر قانچە ئاي سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، 2012-يىلى كۈزە نىيۇيوركتىكى بىر پۇل مۇئامىلە يىغىنىدا ئايان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى 5 ئاي مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن دەم ئېلىش ۋاقتى بولدى، مەن نۇتۇق سۆزلەشلا ئەمەس، بىر يېڭى تۇرمۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمەن.


شۇ قېتىم ساركوزى بىرازىلىيەنىڭ بىر مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا نۇتۇق سۆزلەپ بەردى. گەرچە ساركوزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئىقتىسادى ئىسلاھات ھەققىدىكى ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ فرانسىيەنى باشلاپ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادى كىرىزىستىن ئۆتۈپ كەتتى. ساركوزىنىڭ تەجرىبىسى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ساھەدىكىلەرگە ناھايىتى ئېنىق. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساركوزى مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا سۆزلىگەن 40 مىنۇتلۇق نۇتقىدا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان.


نۇتۇق سۆزلەش ساركوزى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قىلىدىغان ئىشى، شۇندىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن قېتىم نۇتۇق سۆزلىدى ھەمدە خۇسۇسىي شىركەتلەرگە مەسلىھەتچى بولدى. شۇ چاغدا كىشىلەر ساركوزى كېلىنتۇن ۋە بۇلائىرنى دوراپ، نۇتۇق سۆزلەپ بېيىش يولىغا ماڭامدۇ قانداق دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى، كېلىنتۇن بىر يىل نۇتۇق سۆزلەپ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان، بۇلائىر بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلىسە 250 مىڭ فوندستېرلىڭ كىرىم قىلىدۇ.
ساركوزىنىڭ پۇلى يوق ئەمەس، ئۇنىڭ ئايالى پۇل تېپىشقا ماھىر ئايال ھەمدە ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ پېنسىيە پۇلىمۇ ئاز ئەمەس. پۇل تېپىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ساركازى ئەڭ قىزىقىدىغان ئىش. قاتار ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ساركوزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قاتار دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، ساركوزى بۇنى رەت قىلغان.


ساركوزى يەنە ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇردى، لېكىن سوتتا كۆرۈنمىدى. ئېلىسى سايىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايغا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى سابىق زۇڭتۇڭ ساركوزىغا ئىشخانا تەسىس قىلىپ بەردى، لېكىن ساركوزى ئىشخانىغا كىرمىدى.



ساركوزىنىڭ بىر دوستى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ساركوزى تاراتقۇلاردىن ئىككى يىل يىراق تۇرۇپ، ئاممىغا ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئاندىن يېپ-يېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ساركوزى بىر «قەپەزدىكى شىر». بىر ئەگەشكۈچىسى ساركوزنى: ئۇ سىياىسي سەھنىگە قايتىشنى ئويلايدۇ، دەپ سۈپەتلەيدۇ. گەرچە سايلامدا رەقىبى ھوللاندىغا ئوتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ساركوزى ھوللاندىغا ئىچ-ئىچىدىن قايىل ئەمەس. نۇتۇق سۆزلەش بىلەن ئالدىراش بولغان ۋاقىتتا، ساركوزى يەنىلا ھوللاندىغا زەربە بېرىشنى ئۇنۇتمىدى.
تەختتىن چۈشكىنىگە تۆت ئاي بولغان ساركوزى ھوللاندىنى سۇرىيە مەسىلىسىدە كەسكىن بولمىدى دەپ ئەيىبلىدى. 2013-يىلى 3-ئايدا ساركوزى زىيارەتنى قوبول قىلغاندا قىلچە ئايانماستىن ھوللاندىغا زەربە بېرىپ مۇنداق دېدى: ھوللاندى مېنىڭ گىرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن بەرپا قىلغان ھەممە نەرسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تارىيىشىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە فىرانسىيە خاتا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە، ھەتتا ئىجتىمائىي كىرزىش ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا سىياسى داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.


2013-يىلى 12-ئايدا ساركوزى بىلەن ھوللاندى ماندىلانىڭ ئەسىر دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا باردى، ئەمما بۇ ئىككەيلەن ئايرىم سەپەرگە چىقىشنى تاللىدى. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھوللاندى ساركوزىنى ئۆزى بىلەن بىللە زۇڭتۇڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىشقا تەكلىپ قىلغان، ئەمما ساركوزى بۇنى رەت قىلغان. ساركوزى «ساركوزى ھاۋا 1-نومۇرلۇق» مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ ئاخىرقى ئورۇنىدا ھوللاندى بىلەن ئايروپىلان بۆلمەسىدە 13 سائەت بىللە ئولتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. ئاخىرى ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزى سېتىۋالدى.


بۇ يىل 2-ئايدا ساركوزى پارژ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىق سايلىمىدا پەيدا بولۇپ، سابىق زۇڭتۇڭ باياناتچىسىنىڭ سايلام رىقابىتىگە ياردەم بەردى. 2-ئاينىڭ ئاخىرى ساركوزى گىرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، گىرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشتى، بۇ تاراتقۇلار تەرىپىدىن ساركوزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشتىن ئاۋالقى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش سەپىرى دەپ ئاتالدى. ئىگىلىنىشىچە، ساركوزى گىرمانىيەدىكى بىر فوندى جەمئىيەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گېرمانىيە فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلىگەن. نۇتۇق سۆزلەشتىن ئىلگىرى ساركوزى زۇڭلى مەھكىمىسىگە بىرىپ مىركىلنى ئىزدىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان، ئەسلىدە 30 مىنۇت دەپ مۆلچەرلەنگەن كۆرۈشۈش بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان، ساركوزى بىلەن مىركىلنىڭ گىرمانىيە زۇڭلى ئىشخانىسىدىكى سۈرىتى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ساركوزى ھوللاندىنى« بىر شاپىلاق ئۇردى» دەپ چۈشەندۈرۈلدى.


ساركوزىنىڭ ھەر قېتىم كۆرۈنۈشى زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا قايتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئالايلوق نىيۇ يوركتا نۇتۇق سۆزلەش ھارپىسىدا ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ساركوزى ئىلگىرى ئەگەر فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ھوللاندىنىڭ قولىدا تۇرۇپ ناچارلىشىپ كەتسە ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ 2017-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشتىن باشقا تاللىشىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.


سىياسىي جەھەتتە كىشىلەرنىڭ دىققتىنى تارتىشنى ياخشى كۆرۈدىغان، خاراكتېرى ئۆزگىچە، ناھايىتى ئوچۇق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ساركوزىنىڭ بۇرۇنقى رەقىبى ھوللاندىنى تەختتىن چۈشۈرمىگىچە، پىنسىيەگە چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. «ئىقتىسادچىلار» پەرەز قىلىپ، ساركوزىنىڭ خاراكتېرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، ھوللاندىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن نومۇس دېدى.


ساركوزى قەپەزدىكى شىر، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى ئۇنى « سىياىسي سەھنىگە قايتىشنى ئويلاپلا كەلدى» دەپ سۈپەتلىگەنىدى

‏ساركوزى مېنىڭ قايتا زوڭتۇڭلۇق يولىنى تاللىشىم مەجبۇرىي بولدى دېدى.بىراق دەۋا تەلەپنىڭ چىرمىۋىلىشى، تۇرمۇشىدىكى ئەيشى ئىشرەتلىك ساركوزىنىڭ سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كېلىشىدىكى توسالغۇغا ئايلاندى. ساركوزى سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كىلىش پىلانىنى توختاتمىدى.
يېقىندا فرانسىيىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ساركوزىنىڭ قوللىشى بىلەن ساركوزى بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەت قۇردى. ساركوزىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ۋە تېلېۋىزىيە تاراتقۇسىدا جانلاندى.


ساركوزى مەن ئۆزۈم تۇرۇشلۇق سىياسىي چوڭ ئائىلىسىنىڭ رەئىس نامزاتى دېدى. ئۇ تىلغا ئالغان سىياسى چوڭ ئائىلە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئوڭچىل پارتىيە خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. ساركوزى مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىتتىپاقنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ بارلىق فرانسىيىلىكلەرگە يۈزلەنگەن يېڭى كەڭ كۆلەملىك ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقىمەن.
ساركوزى فرانسىيە تېلېۋىزىيە 2-ئىستانسىسىنىڭ 45 مېنۇتلۇق زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىنتايىن رەتلىك كېيىنگەن بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تىلغا ئالغاندا ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ساركوزى مۇنداق دېدى: مەن ئەزەلدىن مۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان ئىدىم، ساركوزى مېنىڭ قايتا زوڭتۇڭلۇق يولىنى تاللىشىم مەجبۇرىي بولدى ، چۈنكى فرانسىيە يىمىرىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر سىياسەتكە ئىشەنمەيدۇ. خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقى بۇنداق پارچىلىنىپ باقمىغان ئىدى، مەن يەنىلا خەۋىپنى كۈتۈپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ فرانسىيە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بولغان جامائەتچىلىك يولى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ساركوزىنىڭ ئىلىس سارىيىغا قايتىپ كېلىشى راستتەك قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋال داۋاملىشىۋىرىپ،ھوللاندىنى قوللاش نىسبىتى يۇقىرىلىمىسا، ساركوزىغا كېلىدىغان پۇرسەت كۆپ بولىدۇ. بىراق ساركوزى قايتا زوڭتۇڭ بولىشىدا كۆپلىگەن توسالغۇلارغا يولۇقىدۇ. ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشلەر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق توسالغۇ بولىدۇ.


ساركوزى زوڭتۇڭلۇق تەختىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەيىپلەشلەر ئۈزۈلمىدى، دەۋا تەلەپلەر چىرمىۋالدى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ساركوزى سوراقنى قوبۇل قىلدى ۋە رەسمىي تەكشۈرۈلدى.سەۋەبى ئۇ پەدەز بويۇمى ماگناتى ئوۋلەييانىڭ ۋارىسى بىدانگۇدىن قانۇنسىز ھەق ئالغان. ئاخىرىدا سوت كوللىگىيىسىنىڭ ئىسپاتى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن ساركوزى ئەيىپلەنمىگەن.


بۇ يىل 7-ئايدا ئەدلىيە مەخپىيىتىنى ئوغۇرىلىقچە ئاڭلىدى ۋە چىرىكلەشتى دەپ گۇمان قىلىنىپ، فرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، فرانسىيە تارىخىدىكى چىرىكلەشتى دەپ گۇمان قىلىنىپ ساقچىلار تۇتقۇن قىلغان تۇنجى سابىق زوڭتۇڭ بولۇپ قالدى. ساركوزى ساقچىلارنىڭ ئەيىپلىشىنى ئىنكار قىلدى، بىراق بۇ ئۇنى قانۇن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ قويدى .


2008-يىلىدىكى بىر كىسىمدە فرانسىيىدىكى بىر باي سودىگەر 400 مىليون ياۋرۇ تۆلەمگە ئىگە بولغان ئىدى. ساركوزى زوڭتۇڭ بولغاندا فرانسىيىنىڭ مالىيە مىنسىتىرى بولغان ، كېيىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى بولغان لاگاردى ئەيىپلەندى، بۇ ئەيىپلەشمۇ ساركوزىغا چېتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، سوركوزىنىڭ ھەشەملىك تۇرمۇشى ئىستىلى ، فرانسىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىسىتىرى جۇفىننىڭمۇ 2017-يىلىدىكى زوڭتۇڭ ئورنىنى تالىشىشىنى جاكارغانلىقى ساركوزىنىڭ ئىلىس سارىيىغا كېرىش يولىغا توسالغۇ بولىدۇ.




خەتكۈچلەر:
04-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek