رۇسىيەدە چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ 17-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتى ئوكخوتىسكى ۋە ياپونىيە دېڭىزى رايونىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسىم ھەربىي رايونى ئۇرۇش تەييارلىقى ئەھۋالىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش رامكىسى ئاستىدا، رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتى ياپونىيە دېڭىزىدە ئۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن، مانىۋېر دېڭىزدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
11-سىنتەبىردىن 18-سىنتەبىرگىچە، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى بىلەن شەرقى سىبىرىيە رايونىدىكى بارلىق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلىدىكەن، بۇ قارارنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved