شۇ جاي ۋاقتى 8- يانۋار رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ كۆپيىشىنىڭ تۈركىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تېررورچىلارنى قوللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە سۇرىيە ۋەزىيىتى يەنىلا قالايمىقان بولغاچقا، ئۇرۇش ئوتىدىن قېچىپ ياۋروپا قىتئەسىگە بارىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە 2015- يىلى تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ مۇساپىر ياۋروپاغا كىرگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ياۋروپاغا كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 3 مىليونغا يېتىدىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بولمىغا كىشىلەر بۇ تىنچلىق ئىزدەش سەپىرىدە قۇتقۇزۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلۇ 6- نويابردىكى بىر قېتىملىق نوتۇقىدا: مۇساپىرلارنىڭ دائىم ئۆلۈپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەت رۇسىيەدە، دېگەن.
ئەمما رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا شۇ كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە بۇ ئىش توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ: ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇرىيەدىن كەلگەن، بۇ نۇقتىنى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى مۇساپىرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تۈركىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تېررورچىلارغا كەڭچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى قوللاش سىياسىتى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، تۈركىيەنىڭ بۇ خىل سىياسىتى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ سۇرىيەدە يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved