جۇڭگو نېفىتلىكى تارىم دەرياسى نېفىت چېكىلەش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كىرسىن 19-سېنتەبىر كورلا ۋە ئاقسۇ ئايروپورتىغا سېتىلدى.
بۇ تارىم دەرياسى نېفىت چېكىلەش چەكلىك شىركىتى ئاۋىياتسىيە كىرسىنىنىڭ رەسمىي تۈردە بازارغا كىرگەنلىكىنى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاۋىياتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان كىرسىن ئىشلەپچىقىرالماسلىقىدەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە 350 توننا ئاۋىياتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان كىرسىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورلا ۋە ئاقسۇ ئايروپورتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئايروپورتلارغا سېتىلىدىغان ئاۋىياتسىيەگە ئىشلىتىلىدىغان كىرسىن تاشيول ئارقىلىق توشۇلىۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا پويىز ئارقىلىق توشۇش شەكلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كۇچا قاتارلىق ئايروپورتلارنىڭ ئاۋىياتسىيەگە ئىشلىتىلىدىغان كىرسىنى ئۈرۈمچىدىكى نېفىت چېكىلەش شىركىتىدىن سەپلىنەتتى. ئارىلىق يىراق بولغانلىقتىن توشۇش تەننەرخى ئېشىپ كېتەتتى.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved