دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى 25 –كۈنى 8 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكەت بويىچە ئورمان بىلەن
قاپلىنىش نىسبىتى %21.63 كە يەتكەن.
دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ شۇسۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 8 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش 2009 – يىلدىن 2013 – يىلىغىچە بەش يىل بولغان.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكەت بويىچە ئورمان كۆلىمى 3 مىليارد 120 مىليون مو بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ %21.63 ىنى
ئىگىلەپ، ئورمان زاپىسى 15 مىليارد 137 مىليون كىۋادىرات مېتىرغا يەتكەن. سۈنئىي ئورمانلىق كۆلىمى 1 مىليارد 35 مىليون مو، ئورمان زاپىسى 2 مىليارد 483 مىليون كىۋادىرات
مېتىرغا يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا باشلانغانبولۇپ، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئورمان بايلىقىنى ئۇدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. 8 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا 20 مىڭغا يېقىن تەكشۈرگۈچى ۋە تەتقىقاتچى ئاجرىتىلغان بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ تېلېتېخنىكىسى ۋە ئەۋرىشكە يېرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق زامانىۋى
تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved