سۇبارۇنىڭ سېتىش مىقدارى پىلانى تۇنجى قېتىم مىلىيون يۈرۈشتىن ئاشتى

     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇبارۇ 28-يانۋار 2016-يىللىق يەرشارى سېتىش پىلانىنى ئېلان قىلغان. سۇبارۇ 2016-يىلى يېڭى ماشىنا يەرشارى سېتىش مىقدارى 1.033 مىلىيون يۈرۈشكە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشقان. گەرچە بۇ پىلان ياپونىيەدىكى سەككىز چوڭ ماشىنا ياساش شىركىتى ئېلان قىلغان سېتىش مىقدارى پىلانى ئىچىدە ئەڭ ئاز بولسىمۇ، ئەمما سۇبارۇ تۇنجى قېتىم سېتىش مىقدارى پىلانىنى 1 مىلىيون يۈرۈشكە يۇقىرى كۆتۈرگەن.

   بۇ قېتىم ئېلان قىلغان سېتىش مىقدارى پىلانى ئىچىدە، ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش مىقدارى پىلانى ئالدىنقى يىلىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، يەنى 162 مىڭ يۈرۈش، ئەكىسچە چەتئەل بازىرىدىكى سېتىش مىقدارى پىلانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، 871 مىڭ يۈرۈشكە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سۇبارۇنىڭ سېتىش مىقدارى ۋە پايدىسى ئەڭ چوڭ كېلىش مەنبەسى دۆلىتى ئامېرىكا بازىرى بولۇپ، 2016-يىللىق سېتىش مىقدارى پىلانى 615 مىڭ يۈرۈش، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشقان. 2009-يىلىدىن باشلاپ، سۇبارۇنىڭ يەرشارى يېڭى ماشىنا سېتىش مىقدارى پىلانى ئۇدا سەككىز يىل تارىخى رېكورتنى يېڭىلىغان. ئەكىسچە سۇبارۇنىڭ يەرشارى يېڭى ماشىنا سېتىش مىقدارى كەسىپ نەتىجىسىمۇ ئۇدا بەش يىل تارىخى رېكور يېڭىلىغان، 2012-يىلىدىكى 707 مىڭ يۈرۈشتىن %46 ئېشىپ، تۆت يىلدا سېتىش مىقدارى 1.5 ھەسسە ئاشقان.

   شۇ كۈنى سۇبارۇ يەنە 2015-يىللىق يېڭى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ياپونىيە ئىچىدىكى سېتىش مىقدارى، چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىش مىقدارى قاتارلىق كەسىپ نەتىجىسى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2015-يىلى سۇبارۇنىڭ يەرشارى يېڭى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 938.5 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا تۆت يىل ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولغان. ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەرەپتە، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ سەۋەبتىن 2015-يىلى سۇبارۇ ياپونىيە دۆلەت ئىچىدە جەمئىي 709.7 مىڭ يۈرۈش يېڭى ماشىنا ئىشلەپچىقارغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا تۆت يىل ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ۋە ئاۋىستىرالىيە بازىرىغا يۈزلەنگەن Outback ۋە شىمالى ئامېرىكا بازىرىغا يۈزلەنگەن SUBARU XV نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆرىنەرلىك ئاشقان. چەتئەلدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەرەپتە، 2015-يىلى سۇبارۇنىڭ چەتئەلدىكى زاۋۇتى جەمئى 228.8 مىڭ يۈرۈش يېڭى ماشىنا ئىشلەپچىقارغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا ئىككى يىل ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلىغان.

سېتىش مىقدارى تەرەپتە، 2015-يىلى سۇبارۇ ياپونىيەدە جەمئىي 162.2 مىڭ يۈرۈش يېڭى ماشىنا ساتقان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 تۆۋەنلىگەن، سېتىش مىقدارى ئۇدا ئىككى يىل مەنفىي ئاشقان. ئېكىسپورت مىقدارى تەرەپتە، 2015-يىلى سۇبارۇ چەتئەل بازىرىغا ئېكىسپورت قىلغان يېڭى ماشىنا 566.8 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان، ئېكىسپورت مىقدارى ئۇدا تۆت يىل يېڭى رېكورت ياراتقان.



خەتكۈچلەر:
30-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek