تۈركىيە 19-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما زۇڭتۇڭ ئەردوغاننى ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ئۈندىگەندىن كېيىن، تۈركىيە «داۋاملىق تۈردە» ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قىسمىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ باغداد دائىرلىرى بىلەن بولغان كەسكىن مۇناسىۋېتىدە ياخشلىنىش بولدى.
تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى:« ئىراق دائىرلىرىنىڭ زىيادە سەزگۈرلىكى كۆزدە تۇتۇلغاچقا، تۈركىيە باشلىنىپ بولغان ئەسكەر چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، موسۇلغا ئورۇنلاشتۇرغان قىسمىنى چېكىندۈردى ».
تۆنۈگۈنكى تېلېفوندا ئوباما ئەردوغاننى چارە - تەدبىر قوللىنىپ، «ئىراق بىلەن بولغان كەسكىن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، داۋاملىق تۈردە ئەسكەر چېكىندۈرۈش»كە دەۋەت قىلدى.
ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ «ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۈرمەت قىلىشى»نى تەشەببۇس قىلدى.
تۈركىيەدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراققا 150 تىن 300گىچە بولغان ئەسكەر ۋە 20 تانكا ئورۇنلاشتۇرۇپ، موسۇل ئەتراپىدىكى باشىگا ھەربىي لاگىرىدا تۇرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەشقاۋۇللىرى قوغدىلىدىكەن.
تۈركىيە 21-دېكابىردىن باشلاپ قىسمەن رايونلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىنغان باياناتتا تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئىش توغرىسىدا باغداد دائىرلىرى بىلەن «ئالاقىنىڭ كەمچىل بولۇپ قالغانلىقى»نى، ئەنقەرە دائىرلىرىنىڭ «بۇ رايوندىكى ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن تۆھپە قوشۇش مەسىلىسىدە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىسپانىيەدىكى « ئا ب س گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 19-دېكابىر تېلېگىراممىسى: تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى 19-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى باشىگا رايونىدىن داۋاملىق تۈردە ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن «ئالاقە قىلىشتا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى»نى ئېتىراپ قىلدى.
بىراق تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قانچىلىك ئەسكەرنى چېكىندۈرىدىغانلىقى ھەمدە نەگە چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان. بۇ بايانات ئامېرىكا تۈركىيەنى باغدادنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ، «كەسكىن ۋەزىيەتنى ياخشىلاش»قا دەۋەت قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.
باياناتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلىدى:« تۈركىيە ئارمىيەنى ئىراققا ئورۇنلاشتۇرغاندا ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىشتا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە نىنىۋې ئۆلكىسىدىن داۋاملىق ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ ».
تۈركىيە دېكابىرنىڭ باشلىرى باشىگا رايونىغا 150 نەپەر ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەشقلەندۈرگەنىدى. تۈركىيە مۇشۇ ھەپتە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قىسمەنلىرىنى كۇرد رايونىغا يۆتكىدى، بىراق باغداد دائىرلىرى ئەنقەرەنىڭ بارلىق ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 20-دېكابىر خەۋىرى: تۈركىيە دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەسكەرنى چېكىندۈرىدىكەن. تۈركىيە مۇشۇ ھەپتە قىسمەن ئارمىيەسىنى چېكىندۈردىكەن. تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئارمىيەنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ئىراق دائىرلىرى بىلەن بولغان «ئالاقىنىڭ كەمچىل بولۇپ قالغانلىقى»نى ئېتىراپ قىلغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىراقتىكى يېرىم ئاپتونومىيە رايونى - كۇرد رايونى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەدىكى كۇرد دېمۇكراتلار ئىتتىپاقى پارتىيەسنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىدۇ. چۈنكى بۇ پارتىيە تۈركىيەدىكى چەكلەنگەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تارمىقى. بۇ پارتىيەنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىقلىرى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ مۇھىم ئەزاسىدۇر.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تۈركىيە دىياربەكر، 20-دېكابىر تېلېگىراممىسى: خەۋىپسىزلىك تارماقلىرىدىكى بىر ئۇزۇنقۇلاق ئەرباپنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغىنىغا بەش كۈن بولغاندا، تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبى رايوندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۇرد قۇراللىقلىرى 102گە يەتكەن.
ئۇزۇنقۇلاق ئەرباپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەسكەر ۋە بەش پۇقرا بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا قازا قىلغان.
19-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان قازا قىلغانلار سانى 70 كە يەتكەن، ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلتۈرۋېتىلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىدىكى گۇمانلىق قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئىكەن.
شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ئارمىيە دائىرلىرى شەرقى جەنۇبى قىسىمغا 10 مىڭغا يېقىن ئوفىتىسر - ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار تانكىنىڭ قوغدىشى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنى قوللايدىغان ياشلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت شىرناق ئۆلكسىىنىڭ جىزرې ۋە سىلوپى شەھەرلىرى ھەمدە قوشنا شەھەر دىياربەكردە قانات يايدۇرۇلغان. دىياربەكر بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىكەن.
ئارمىيە دائىرلىرى 18 - دېكابىر ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تۈركىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ «يوشۇرۇن ئورنى » ۋە «قۇرال - ياراغ ئىسكىلاتى»غا ھاۋا ھۇجۇمى قوزىغىغان. ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمى بۇ قانۇنسىز تەشكىلاتنىڭ ئارقا سەپ بازىسى ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved