شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز شەھەرلىرىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى 10 مىليون 261 مىڭ ئائىلە، 18 مىليون 770 مىڭ كىشىگە يەتكەن. پۈتۈن بىر يىللىق ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن 72 مىليارد 170 مىليون يۈەن شەھەر تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى ئاجرىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ مالىيە ياردەم مەبلىغى 51 مىليارد 888 مىليون يۈەن بولۇپ، مالىيە ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %71.9ىنى ئىگىلىگەن. مەملىكەت بويىچە 2014 – يىللىق شەھەر تۆۋەن كاپالىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ئېيىغا 411 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %10.1 ئاشقان؛ 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكىتىمىز يېزىلىرىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى 29 مىليون 436 مىڭ ئائىلە، 52 مىليون 72 مىڭ كىشىگە يەتكەن. پۈتۈن بىر يىلدا ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن 87 مىليارد 30 مىليون يۈەن يېزا تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى ئاجرىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ مالىيە ياردەم مەبلىغى 58 مىليارد 260 مىليون يۈەن بولۇپ، مالىيە ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %66.9 ىنى ئىگىلىگەن. مەملىكەت بويىچە 2014 – يىللىق يېزا تۆۋەن كاپالىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلىغا 2777 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 343 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %14.1 بولغان.
يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتى 5 مىليون 291 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %1.5 ئازايغان. ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىم قىلغان بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش مەبلىغى 18 مىليارد 980 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %10.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلىۋاتقان كىشى 1 مىليون 743 مىڭ بولۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 5371 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %14.6 ئاشقان؛ يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە تارقاقلاشتۇرۇپ بېقىلىۋاتقان كىشى 3 مىليون 548 مىڭ بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 4006 يۈەندىن توغرا كېلىپ، بۇلتۇرقىدىن %14.5 ئاشقان.
داۋالىنىش ياردىمى جەھەتتە، 2014 – يىلى 91 مىليون 190 مىڭ كىشى/ قېتىم داۋالىنىش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 11 مىليون 66 مىڭ كىشى/ قېتىم كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ياردىمىدىن، 12 مىليون 887 مىڭ كىشى/قېتىم ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ياردىمىدىن، 67 مىليون 237 مىڭ كىشى سۇغۇرتىغا ياكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولغان. جەمئىي 25 مىليارد 260 مىليون يۈەن داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئاجرىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغانلارغا ئاجرىتىلغان ياردەم پۇل 18 مىليارد 20 مىليون يۈەن، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغانلارغا ئاجرىتىلغان ياردەم پۇل 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن، سۇغۇرتىغا ياكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقانلارغا ئاجرىتىلغان ياردەم پۇل 4 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولغان.
ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش جەھەتتە، 2014 – يىلى 6 مىليون 507 مىڭ كىشى/قېتىم ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇلغان، نوپۇس تەۋەلىكى بويىچە ئايرىغاندا، شەھەر ئاھالىسىدىن 3 مىليون 335 مىڭ كىشى /قېتىم، يېزا ئاھالىسىدىن 3 مىليون 172 مىڭ كىشى /قېتىم؛ تەۋەلىك رايونى بويىچە ئايرىغاندا يەرلىكتىكى دائىملىق نوپۇستىكى 6 مىليون 315 مىڭ كىشى /قېتىم، دائىملىق نوپۇستا بولمىغان 192 مىڭ كىشى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشتىن بەھرىمەن بولغان. بىر يىلدا 5 مىليارد 760 مىليون يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش مەبلىغى چىقىم قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved