ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى بىكى ماترازى پۇتبول مەستانىلىرىغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئۇ 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە زىدانىغا تىل ھۇجۇمى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن زىدانى ئۇنى كاللا قويۇپ يىقىتىۋەتكەن ۋە جازالىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن، نەتىجىدە ئىتالىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان.
بېنتېز خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىنمۇ ماترازى بىلەن زىددىيەتكە چۈشۈپ قالغان.
«مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنىڭ ئىككى دۈشمىنىگە نىسبەتەن ماترازى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى يەتكۈزگەن.
ماترازى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بېنتېزنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى مەن ھاراق ئىچىپ تەبرىكلەيمەن. زىدانىنىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇشتىن بولغانلىقىنى ئويلاشتىن باشقا يەنە مېنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىم بار، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى بولىدۇ. لېكىن باشقىلارغا زەربە بېرىش خاتا قىلمىش. دېيىشكە تېگىشلىك بولغان گەپلەرنى مەن دەپ بولغان.»
ماترازى بېنتېزنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنى تاسادىپىيلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇپ ئۇ بۇ ھەقتە «مەن بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن، سىز دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس مەشقاۋۇل بولسىڭىزمۇ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ياخشى ئۆتمىسىڭىز كوماندا ئەزالىرى ھەرگىز سىز تەرەپتە تۇرمايدۇ، خالىغان بىر مەشقاۋۇلنىڭ ھەرقانداق بىر كوماندىنى ئۇزۇن تۇتۇپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس، سىز ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتسىڭىز سىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدا ئاندىن ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىدۇ».
ماتىرازىنىڭ قارىشىچە بېنتېز مۇشۇنداق ئادەتنى يېتىلىدۈرۋالغان بولۇپ ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدىكەن. ماترازى بۇ ھەقتە: «ئۇ دائىم مۇشۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ، مادرىدقا كېلىپ ئۇ رونالدو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلماستىن بېل بىلەن يېقىن ئۆتتى. خەلقئارا مىلاندىكى چاغلاردا ئۇ پەقەت كامبىياسۇ، زانىتى ۋە رىكوبا بىلەن پاراڭلىشىپ چىۋۇغا پەرۋا قىلمايتتى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇ باشقا ئۈچ ئادەم بىلەن ئوخشاش تىل ئىشلىتەتتى، گەرچە بۇ رىئاللىق بولسىمۇ لېكىن بۇنداق باھانىلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ».
زىدانىنىڭ مەشقاۋۇل بولۇشى توپ مەستانىلىرىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە ماترازى: «خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ كۇلۇب، رەئىس ئىسمىنى ئاتىسىلا چوقۇم ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىمايدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. 1-0 مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسىمۇ بولمايدۇ، نۇرغۇن توپ ئۇرۇپ، توپ كەتكۈزۋەتسىمۇ بولمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بېنتېز ئۇچرايدىغان ئەيىبلەشلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ».
ئەڭ ئاخىرىدا ماترازى «بېنتېز ئىشتىن قالدۇرلسا مادرىد كوماندىسىنىڭ ياكى ئەنچىلوتىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشى ياكى زىدانىنى مەشقاۋۇل قىلىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. زىدانى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى بىلەن باشقا توپچىلارنى بويسۇندۇرالايدۇ، ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان. نۇرغۇنلىغان داڭلىق پۇتبولچىلار مەشقاۋۇل بولغاندىن كىيىن ئىككى-ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە يېتەكچىلىك قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كېلىدۇ، لېكىن مەن زىدانىغا بەخت تىلەيمەن. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلغىنىم ئەمەس» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved