2016-يىلى قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى %10 كە يېتىدۇ

        قازاقىستان تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئاسىيا ئىقتىسادشۇناسى ئاگرىس 2016-يىلى قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %10 كە يېتىدۇ دەپ قارىغان.

       ئاگرىس ياۋروپا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 2015-2016-يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلگە مۇناسىۋەتلىك دوكىلاتىنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا:« بۇ يىل بىزنىڭ مۆلچەرلىگەن پۇل پاخاللىقى نىسبىتىمىز ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %10 كە يېتىدۇ، ئەمما كېلەر يىلى قازاقىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %6-8 لىك دائىرىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.» دېگەن.

     ئاگرىس «2015-يىلى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى %1.2 بولىدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ مۆلچەرىمىز دائىرىسىدە. 2014-يىلى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى %4.3 بولدى. بىز 2016-يىلى خام نېفىت ئوتتۇرچە باھاسى ھەر باكى 30-40 دوللار بولغان ئەھۋالدا، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %1.5 بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىدۇق.» دېدى.

     ئاگرىس ئەڭ ئاخىرىدا:« ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشى ئاساسلىق ئەمەس، ماشىنا ياساش ساھەسىدەك ئىنتايىن كۆپلىگەن ساھە بار، ئالدىنقى يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا زىيانغا ئۇچرىدى، شۇ سەۋەبتىن %1.5 ئېشىش نىسبىتى كونكىرت ساھە ۋە كونكىرت ئادەم توپىنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ.» دېدى.



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek