ئارگېنتىنالىق ئىپلاس ئەر قىزىغا 22 يىل باسقۇنچىلىق قىلىپ سەككىز بالىلىق بولدى

         ئارگېنتىنا ‹ئەركىنلىك گېزىتى› نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىنغان ‹ئىپلاس دادا›-دومىنگو بۇلسىئونىڭ قولغا ئېلىنغانلىق كۆرۈنۈشى.

      شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: ئارگېنتىنالىق بىر ئەرنىڭ ئۆز قىزىغا 22 يىل باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەر يەنە قىزىنى سەككىز بالىلىق قىلىپ قويغان، ساقچى تەرەپ بۇ ئەرنى بىر ئاي قوغلاپ تۇتۇش ئارقىسىدا ئەڭ ئاخىرى بۇ ئەرنى قولغا ئالغان.

      بۇ ئەرنىڭ جىنايى قىلمىشى ئاۋىستىرىيىلىك سېسىق نامى پۇر كەتكەن ‹ئىپلاس دادا›- يوسېف فولەيسېل بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئەرنى ‹ئارگېنتىنا نۇسخىسىىدىكى فولەيسېل› دەپ ئاتىغان.

‹ئىپلاس دادا›-دومىنگو بۇلسىئو

       ئارگېنتىنالىق بۇ ‹ئىپلاس دادا› نىڭ ئىسمى بولسا دومىنگو بۇلسىئو بولۇپ، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئارگېنتىنا سانتىياگو-دېل ئېستېرو (Santiago del Estero) ئۆلكىسىدىكى مەلۇم كىچىك بازاردا ئىدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ ئىگەللىشىچە، دومېنگونىڭ خوتۇنى ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالغاندىن كېيىن، دومېنگو بىلەن بىللە قالغان قىزى-ئانتونىيە ئۇنىڭ ‹جىنسىي قۇلى› غا ئايلىنىپ قالغان.

    ئانتونىيە توققۇز يېشىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشى ۋە جىنسىي جەھەتتىن خورلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئانتونىيە دادىسىدىن سەككىز بالا يۈزى كۆرگەن.

     يېقىندا ئانتونىيە دادىسىنىڭ يېنىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېچىپ چىققان ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

     ئانتونىيەنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى نۇرغۇن قېتىم بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئانتونىيىگە پەسكەشلىك قىلغان ئىكەن.

     ئانتونىيە ئەسلەپ مۇنداق دېدى:‹ئاپام بىزنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن مەن دادامنىڭ ‹خوتۇنى› بولۇپ قالدىم، دادام توققۇز يېشىمدىن باشلاپلا ماڭا جىنسىي زوراۋانلىق قىلىپ كەلدى›. ‹ناۋادا مەن قولۇم-قوشنىلارغا گەپ قىلىپ قالسام ياكى دومېنگو ماڭا جىنسىي زوراۋانلىق قىلماقچى بولسىلا مېنى ئۇرۇپ دۇمبالايدىغان بولۇپ، ئەگەر مەن تاياقتىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچسام، ئۇ قولىغا كالتەك ئېلىپ ئۆي ئىچىدە مېنى قوغلاپ كېتىدۇ›.

     ئانتونىيە يەنە دادىسىنىڭ ئۆزىگە دائىم تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:‹دادام ماڭا ئەگەر بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەيدىغان بولساڭ سېنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايمەن دەپ تەھدىت سېلىپ كەلدى›.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەلىقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ ئىگەللىشىچە، ئانتونىيە دادىسىدىن باشقا يەنە تاغىسىنىڭمۇ جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

   

ئاۋىستىرىيىلىك سېسىق نامى پۇر كەتكەن ‹ ئىپلاس دادا›- يوسېف فولەيسېل

        ئانتونىيە ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، دومېنگومۇ ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەن.

     ئەنگىلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچى تەرەپ بۇ ئەرنى بىر ئاي قوغلاپ تۇتۇش ئارقىسىدا ئەڭ ئاخىرى بۇ ئەرنى قولغا ئالغان.

      ئارگېنتىنا ساقچى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، دومېنگونىڭ نۇرغۇنلىغان باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى، تەپتىش تارماقلىرىنىڭ دومېنگوغا قارىتا DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ سەككىز بالىنىڭ زادى دومېنگودىن تۇغۇلغان بالىلار ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئانتونىيە مۇنداق دېگەن:‹مەن ئۆزۈم ھەم بالىلىرىمنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتىمەن، چۈنكى مەن دادامنىڭ ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللىرىدىن كەلگەن تەھدىتنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار مېنىڭدىن دادامنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىمنى بىكار قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى›. ئانتونىيە يەنە مۇنداق دېگەن:‹ئۇلارنىڭ (يەنە دادىسىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى دېمەكچى) مېنىڭ قانداق كۈنلەرنى كۆرگەنلىكىم بىلەن قىلچە كارى يوق، لېكىن مەن ئۇنىڭ (يەنە دومېنگونى دېمەكچى) تۈرمىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن›.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇر...
11-05-2016
       رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە يۇگۇ شىركىتى ھەر يىلى پۇقرالار ئارىسىدا ئېىپ بارىدىغان «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر تىزىملىكى» نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئ...
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
10-05-2016
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى برۇكلىن يېقىندا پراۋا ئالغان بولۇپ، 4-چىسلا ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چەتئەل ماراقچىلىرى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، برۇ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: لىئوناردو دىكاپىرو قىز دوستى بىلەن جاستىن بىيبېرنىڭ ناخشا كېچىلىكى يىغىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، لىئوناردو يول بويى ماراقچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىرايىنى توسۇپ ماڭغانىدى، كەينىدە بولسا ئورۇق، ئېگىز، ئ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
08-05-2016
    بىر قانچە كۈن بۇرۇن، شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى ئەسلىدە بۇ روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان، كىشىنى بەك تەقەززا قىلغان فىلىم «Raees» نىڭ كېلەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى، يەنى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ب...
08-05-2016
    ئامېرىكا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 3-ماي ئىندىيانا ئىشتاتىدا تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى ترومپ بىر ھەپتە ئىلگىرى شەرقىي شىمالدىكى بەش ئىشتاتنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ي...
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
Powered by Leglek