ئۇكرائىنا پارلامنتى 16-سېنتەبىر شەرقىي قىسىمدىكى مەلۇم رايونلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ۋە شەرقىي قىسمدىكى ئەلئارا قۇراللىق خادىملارنى كەچۈرۈم قىلىش قانۇنىنى ماقۇللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. بۇنىڭدىن ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ شەرقىي قىسمدىكى قېيىن بولىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەكچى بولىۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى.
ئۇكرائىنا پارلامنتى ماقۇللىغان ئىككى قانۇننىڭ يادرولۇق مەزمۇنى- شەرقىي قىسىمدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر كونترۇللىقىدىكى رايونلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىش، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئىگىلىك ھوقۇق بېرىش، شۇنداقلا مۇستەقىل بولۇش تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىش. بۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۆلتۇرگەنلەر قاتارلىق جىنايىتى ئېغىرلاردىن باشقا، قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرگەن ھەمدە قۇرال تاشلىغان ئەلئارا قۇراللىق خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىردەك سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ.
ئۇكرائىنا پارلامنتى ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنى تەستىقلىدى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۇكرائىنا ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتەك جىددى ئۈمىدىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەردى. ئۇكرائىنا پارلامنتى ئارقىدىن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئېكەنلىگىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنا ياۋروپانىڭ ئۆلچىمى ۋە قىممەت قارشى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ، دېدى.
ئۇكرائىنا ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، سابىق زۇڭلى تېموشىنكو مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ئۇكرائىناغا تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ ھاقارەتلىك ۋە ئاسىي قانۇن. ئۇكرائىنا ھۆرىيەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كېيىكنىبوكمۇ ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ تەنقىدلىدى، ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامىنت ئەزالىرى شۈ كۈنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
رۇسىيە ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئىھتىياتچان پوزتسىيە تۇتتى. رۇسىيە دۆلەت دوماسى يەنى پارلامنت تۆۋەن پالاتاسى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىلۇسىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈچ تەرەپ مىنىسكىدا ئىمزالىغان كېلىشىمنامىگە ئۇيغۇن، ئەمما ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەركىن، دىموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا شەرقىي رايونغا دوستانە ئېكەنلىگىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سىلوسكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى بەلكىم ئۇكرائىنانىڭ پارلامنت سايلىمىدىن ئىلگىرىكى ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ھېيلىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ئۆز ئالدىغا جاكارلاپ قۇرغان «دوسنىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى پۇلكىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا پارلامىنتىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنى ماقۇللىشى شەرقىي قىسىمدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن مەلۇم دەرىجىدە سىياسىي ئىتىتپاقلىق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇكرائىنا بىلەن فىدراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئۇ مۇستەقىللىق تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «دونىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» بۇ رامكا خاراكېترلىك قانۇننى ئەستايدىل تەتقىق قىلىپ، كېلەر قېتىملىق سۆھبەت ۋە جىددى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئورتاقلىق تاپىدۇ، دېدى.
تېموشىنكو قاتارلىق بىر قىسىم غەربپەرەس سىياسىيونلار پارلامنتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلىك كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار ياۋروپا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بالدۇراق يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلدى.
رۇسىيە: ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىقتىسادى مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ھېسابلىدى ھەمدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقى بىلەن ئۇكرائىنا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، رۇسىيە تەدبىر قوللىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى قوغدايدۇ.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋانرومپىي، ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروسسۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئالاقىلاشقۇچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ئالاقە ۋە ئىقتىسادى بېرىكىش داۋامىدىكى مۇھىم بىر قەدەم.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ھازىرچە ئىككىلا تەرەپكە ياقمىدى، پارلامنت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمى شۇنداقلا بىر قىسىم مىللەتچىلىكى كۈچلۈك پارتىيەلەرنىڭ بۇ قانۇنغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇش پىكىرى بار، ئۇلار شەرقىي قىسمدىكى قۇراللىق كۈچلەرگە بەك يول قۇيۇش- دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قۇراللىق كۈچلەرمۇ ئىتراپ قىلمايۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم: مەيلى ئۇكرائىنا پارلامىنتى ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنى ماقۇللىسۇن ياكى ماقۇللىمىسۇن، مۇستەقىللىق تەشەببۇسىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، «جۇمھۇرىيىتىمىز»نى ئۇكرائىنا قوينىغا قايتۇرۇپ بېرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، دېدى. بىراق ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىمۇ بىر قىسىم جانلىقلىقلار كۆرۈلۈپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ئىشلار، مەدەنىيەت قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇكرائىنا دائىرلىرى بىلەن سۆزلەشسەك بولىدۇ، دېدى.
شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپ تەرەپلەردە تۇسالغۇلار مەۋجۈت بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسىمدىكى قۇراللىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مەيدان پەرقى يىراق، مەسىلىنى ھەقىقى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved