كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بەدىنىدە ھەرخىل ئىككىلەمچى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ھادىسە. ئەمما جاۋ ئەپەندىنىڭ 17 ئايلىق بولغان ئوغلىنىڭ يۈزىگە دانىخورەك چىقىپ كەتتى، جىنسىي ئەزاسىمۇ چوڭلارنىڭ ئەزاسىغا ئوخشاپ قالدى. دوختۇرلار يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشكە كىرىدىغانلىقى، بوۋاقنىڭ بەدىنىدە ئېھتىمال ئۆسمە پەيدا بولۇپ، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. دوختۇر يەنە جاۋ ئەپەندىنىڭ تېزدىن بالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ، جاۋ ئەپەندى بىلەن ئايالى 17 ئايلىق بولغان ئەتىۋارلىق ئوغلىدا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقىغان، دەسلەپتە، بالىنىڭ يۈزىگە دانىخورەك چىققان، ئۇلار ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ دورا سۈرتكەندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالغان، ھەمدە بۇ ئىشقا ئانچە ئېرەن قىلمىغان، كېيىن دانىخورەك بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان، ئۇلار بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسەتكەن، ھەمدە يەنە داۋاملىق ئانا سۈتىنى سۈركىگەن، بالىنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەك ئاستا-ئاستا ياخشىلانغان.
بالىنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەك يوقاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بالىنىڭ جىنسىي ئەزاسى يېتىلىشكە باشلىغان، ئۇرۇقدان يوغىناش، جىنسىي ئەزا يېتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا كەلگەندە بولسا بالىنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرى تەرەققىي قىلىپ چوڭلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتتىق بىئارام بولغان.
ھەمدە بىر قانچە دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە بالىسىنى تەكشۈرتكەن.
جىلىن ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى بەييۈن دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشكە كىرىدىكەن. ئادەتتە ئاياللار «غەربچە تېز تاماق» ۋە بالدۇر پىشۇرۇش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھەرخىل كېسەل كېلىپ چىقىدىكەن، ئەمما كۆپ قىسىم ئەرلەردە بولسا بەدىنىدە ئۆسمە ھاسىل بولۇش سەۋەبلىك ھەرخىل نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدىكەن.
جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇ خوڭۋېيبۇنداق كېسەلنىڭ كۆپىنچە ئەھۋالدا مېڭە ئىچىدە مەلۇم بىر نەرسە ئۆسۈپ مېڭە ئاستى بېزىنى توسۇۋېلىشى تەسىرىدىن ھورمۇنلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا جاۋ ئەپەندىگە بالىنى تېزراق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى.
دۇ مۇدىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى كۆپ بولىدىكەن، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا دىققەت قىلىپ، بالدۇر كۆرۈلگەن ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىشى، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن. ھازىر بالىلاردا بالدۇر يېتىلىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ يېمەكلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەر بالدۇر كۆرۈلگەندە، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، بالىلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالدۇر يېتىلگەن بالىلاردا ھورمۇنلار بالدۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈش قىسىمى توسۇلۇپ قېلىپ، يېتىلىش مەزگىلى قىسقىراپ كېتىدىكەن، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن پاكار بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى لازىم ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved