روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى

    ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخىقا ئىگە باينىڭ بىرى بولغان روكفېللىر جەمەتى ئامېرىكىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئامېرىكىدا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا «روكفېللىر» دېگەن بۇ ئىسىم ھوقوق ۋە بايلىققا سىموۋۇل قىلىنغانىدى.

روكفېللىر ئىلگىرى ئوغلىغا مۇنداق بىر پارچە خەت يازغانىكەن. بۇ خەت نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

«قەدىرلىك ئوغلۇم جون:

مۇنداق بىر مەسەل بار ئىدى. بۇ مەسەلنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. ساڭا بۇ مەسەلنى سۆزلەپ بېرىشنى توغرا تاپتىم:

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، قەدىمقى ياۋرۇپادا، بىر ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ۋە راھەت بىر جايغا كېلىپ قالغانىلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ بۇ جايغا ئەمدىلا ئاياغ بېسىشىغا، مۇلازىم سىياقىدا بىر كىشى: «ئەپەندىم، سىزگە نېمە لازىم؟ بۇ يەردە سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلەيسىز، بارلىق ئېسىل ۋە تەملىك تائاملار، راھەت-پاراغەتلىك كۆڭۈل ئېچىشلار ھەممىسى سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ» دەپتۇ.

ھېلىقى كىشى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلىپتۇ. لېكىن يەنىلا ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ھايات ۋاقتىمدا ئېرىشمەكچى بولغانلىرىم ئەمەسمۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئېسىل تائاملاردىن غىزالىنىپ، كۆڭلىنى ئېچىپ يۈرۈشكە باشلاپتۇ. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپتۇ. ھېلىقى ئادەم بۇ خىل تۇرمۇشتىن بىزار بولۇشقا باشلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ مۇلازىمنى تېپىپ ئۇنىڭغا: مەن بەك زېرىكىپ كەتتىم، ماڭا قىلغۇدەك بىر خىزمەت تېپىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن مۇلازىم ئۇنىڭ گېپىنى رەت قىلىپ: كەچۈرسىز ئەپەندىم، بىزنىڭ بۇيەردە سىز خىزمەت تېپىشنىلا قىلالمايسىز، باشقا نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ، دەپتۇ.

ھېلىقى كىشى ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپتۇ ۋە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: بۇ نېمىدىگەن ئاشۇرىۋەتكەنلىك. بۇنداق قىلغاندىن كۆرە مېنى دوزاخقا تاشلاڭلار، دەپ ۋارقىراپتۇ.

سىز ئۆزىڭىزنى قەيەردە دەپ ئويلاپ قالغانتىڭىز؟ دەپتۇ مۇلازىم ئارقىدىنلا.

ئوغلۇم، بۇ بىر قىزىقارلىق ھېكايە. ئۇ ماڭا خىزمەتتىن ئايرىلىش خۇشاللىقنى يوقاتقانغا ئوخشاش دېگەننى بىلدۈردى. بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى كىشىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا ئاندىن بۇنى ھېس قىلالايدۇ.

مەن ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ھالدا مەن بۇ خىل تەمنى تېتىپ باقمىدىم دىيەلەيمەن. بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ تەلىيىم بارلىقىدىن ئەمەس. بەلكى مەن ئەزەلدىن خىزمەتنى ئەھمىيەتسىز ۋە زېرىكىشلىك دەپ قارىغان بولماستىن، خىزمەتتىن خۇشاللىق ئىزدەيتتىم.

مەن خىزمەت قىلىشنى بىر خىل ئالاھىدە ھوقۇق دەپ قارايمەن. ئۇ تىرىكچىلىك قىلىشتىن سىرت يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. خىزمەت قىلىش بارلىق سودىنىڭ ئاساسى، بارلىق شەرەپنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا قابىلىيەتلىكلەرنى تەربىيىلەپ چىققۇچى. خىزمەت ياشلارنى جاسارەتلىك ۋە ياراملىق قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ. بىراق كىشىلەر ئۇنى ئاۋۋال سۆيگەندىلا، ئۇ كىشىلەرگە ئەڭ چوڭ خوشاللىق ۋە نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەن يېڭىدىن سودا ساھەسىگە قەدەم قويغىنىمدا، دائىم باشقىلاردىن: بىر ئادەم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يامىشىپ چىقماقچى بولسا نۇرغۇن بەدەل تۆلىشىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ ئاڭلايتتىم. بىراق كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، مەن نۇرغۇن يۇقىرى چوققىغا ياماشقان كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ بەدەل تۆلەۋاتقان ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم. ئۇ كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنكەن. ھەرقانداق بىر كەسىپتە يۇقىرى چوققىغا يامىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلار. چىن كۆڭلىدىن سۆيۈپ قىلغان خىزمەتتىن شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

خىزمەتنى قىزغىن سۆيۈش بىر خىل ئېتىقاد. بۇ خىل ئېتىقادىمىز بىلەن بىز ئۈمۈدسىزلىك تېغىنى ئۈمۈد تاش پارچىلىرىغا ئايلاندۇرالايمىز.

لېكىن بەزى كىشىلەر ئانچە ئەقىل ئىشلەتمەيدۇ. ئۇلار شۆھرەتپەرەس كېلىدۇ. خىزمەت تاللايدۇ. ئىزچىل كۆڭلىدىكىدەك بىر كەم-كۇتىسىز خوجايىن ۋە خىزمەت ئىزدەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، خوجايىنلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدا، تىرىشىپ ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجلىق. ئۇلار مائاش ئۆستۈرۈش ۋە مەنسەپ ئۆستۈرۈشلەرنى ئۆزىگە ۋە خىزمەتكە سادىق بولغان شۇ خىزمەتچىلەرگە قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ ھەرگىزمۇ خەيىر-ساخاۋەت ئىشى قىلمايۋاتىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئاۋۋال قەدەم تاشلىغاندىلا ئاندىن يۇقىرى پەللىگە چىقالايدۇ. قەدەم تاشلىغانىكەن، ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئانچىكى قىيىن ئەمەس. خىزمەت قانچىكى قىيىن، قانچىكى كۆڭۈلسىز بولسا، شۇنچە تىرىشىش كېرەك. ئەگەر تىرىشمىغاندا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى خىزمەتنىڭ قىيىنچىلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ، تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ.

مەن ھەرگىزمۇ تۇنجى خىزمىتىم ـــ ھېسابات خاتىرىلىگۈچىلىك خىزمىتىمنى ئۇنتالمايمەن. ئۇ چاغلاردا مەن گەرچە كۈن بويى ھارغىنلىقتا خىزمەتكە بېرىپ-كېلىپ يۈرسەممۇ، لېكىن بۇ خىزمەت ئەزەلدىن ماڭا مەنىسىز تۇيۇلمىغانىدى. ئەكسىچە مەن ئىشلىگەنسېرى بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئىشخانىدىكى ئادەمنى ئارامىدا قويمايدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارمۇ مېنىڭ بۇ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىمنى يوقىتالمىغانىدى. نەتىجىدە خوجايىن ماڭا خېلى كۆپ مائاش قوشۇپ بەردى.

كىرىم پەقەت خىزمەتنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى ئورۇندىغاندىلا، ئارزۇيۇڭدىكى مائاشىڭمۇ ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بىزنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ھەققىمىز ھەرگىزمۇ بىرنىڭ ئېرىشكىنىمىزدە ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى بىز مۇشۇ ئارقىلىق نېمىگە ئايلىنىدىغانلىقىمىزدا ئىپادىلىنىدۇ.

راستىمنى ئېيتقاندا، مەنمۇ بىر شۆھرەتپەرەس. كىچىكىمدىن تارتىپلا مەن كاتتا باي بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا مېنى ئىشلەتكەن شىركەت مېنىڭ ئىقتىدارىمنى چېنىقتۇرغانىدى. بۇ شىركەت ھەرخىل تاۋارلارنى ساتاتتى، بىر تۆمۈر كېنى بار ئىدى، يەنە تېخى تايىنىدىغان ئىككى خىل تېخنىكىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر يول بىلەن تېلگىرامما ئىدى. بۇ شىركەت مېنى سېھىرلىك سودا ساھەسىگە باشلاپ كىردى. ماڭا سانلارغا ۋە رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەتتى. ماڭا ترانسىپورت كەسپىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. مەندە سودىگەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدار ۋە ساپانى يېتىلدۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى تىجارەت ھاياتىمدا زور ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. شۇ شىركەتنىڭ مېنى چېنىقتۇرىشى بولمىغان بولسا، مەن كەسپىمدە بەلكىن نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولاتتىم.

ھازىر، ھەر قېتىم شۇ شىركەتنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇلارغا بولغان تەشەككۇرىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى خىزمەت ھاياتىم مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرىشىمنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، كېيىنكى كۈنلىرىم ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. مەن شۇ ئۈچ يىللىق خىزمەت تەجرىبەمنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن.

شۇڭا، مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا ئوخشاش خوجايىنىمدىن ئاغرىنىپ باققان ئەمەس. ئۇنداق ئاغرىنىپ يۈرىدىغانلار دائىم: بىز پەقەت قۇل، خوجايىنىمىزنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرايمىز، ئۇلار ئۆزلىرى راھەتتە، بىز بولساق جاپادا. ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكاپى پۇلغا لىق تولغان. ئۇلارنىڭ ھەربىر دوللار پۇلى بىزدەك خىزمەتچىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق كەلگەن، دېيىشىدۇ.

مېنىڭ ئاشۇنداق خوجايىنىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان كىشىلەردىن شۇنداق دەپ سورىغىم كېلىۋاتىدۇ: مۇشۇنداق خىزمەتكە ئېرىشى پۇرسىتىنى كىم سىزگە بەردى؟ كىم سىزگە ئائىلە قۇرىدىغان ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى؟ كىم سىزگە ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بوشلۇق يارىتىپ بەردى؟ ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىزنى بېسىۋالغانلىقىنى بايقىغان بولسىڭىز، نېمىشقا ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىڭىزغا بىر ئىش قىلمايسىز؟

خىزمەت قىلىش دېگەن بىر خىل پوزىتسىيە، ئۇ بىزنىڭ خۇشال بولۇش بولماسلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشاش بىر خىل ھەيكەل قاتۇرىۋاتقان ئۈچ كىشىدىن: نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز دەپ سورىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ قايتۇرغان جاۋابلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى كىشى بەلكىم: كۆردىڭىزمۇ؟ مەن تاش قېزىۋاتىمەن، بۇنى قېزىپ بولساملا ئۆيۈمگە قايتسام بولىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئادەملەر خىزمەتنى مەڭگۈ بىر خىل جازا دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن دائىم «ھاردىم» دېگەن سۆز چىقىدۇ.

يەنە بىر كىشى: كۆردىڭىزمۇ، مەن ھەيكەل قاتۇرىۋاتىمەن. بۇ ناھايىتى جاپالىق خىزمەت. لېكىن ئىش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى. ئايالىم ۋە تۆت بالام قورساق تويغۇزۇشقا مۇھتاج ئەمەسمۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر خىزمەتنى يۈك دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن دائىم «ئۆي بېقىش ئۈچۈن» دېگەن گەپ چىقىدۇ.

ئۈچىنچى كىشى قولىدىكى قورالىنى قويۇپ، پەخىرلەنگەن ھالدا: كۆردىڭىزمۇ، مەن بىر سەنئەت بويۇمى ياساۋاتىمەن، دەيدۇ. بۇ خىل كىشىلەر خىزمەتنى مەڭگۈ شەرەپ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن دائىم « بۇ خىزمەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك» دېگەن گەپ چىقىدۇ.

ئوغلۇم، جەننەتنىمۇ دوزاخنىمۇ ئۆزۈڭنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ يارىتىسەن. ئەگەر سەن خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىگە بولساڭ، خىزمىتىڭنىڭ چوڭ-كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خۇشاللىق ھېس قىلىۋېرىسەن. ئەگەر سەن قىلىشنى خالىمىساڭ، ھەرقانداق ئاسان خىزمەتمۇ ناھايىتى قىيىن ۋە ئەھمىيەتسىز بىلىنىدۇ.

ئوغلۇم، ئەگەر سەن خىزمەتنى بىر خىل خۇشاللىق دەپ قارىساڭ، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر جەننەت. ئەگەر سەن خىزمەتنى ۋەزىپە ئۆتەش دەپ قارىساڭ، ھاياتلىق بىر دوزاخ. ئۆزۈڭنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەرىڭنى تەكشۈرۈپ باققىن.

سېنى سۆيۈپ داداڭ.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek