2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 00:00 دە، Oculus ئىستىمالچىلار مەۋھۇم رىئاللىق قالپاق ئېكران Oculus Rift CV1 نىڭ ئالدىن سېتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە پۈتۈن يەرشارىدا تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، Oculus Rift CV1 نىڭ تۇنجى قېتىم تارقىتىلىش دائىرىسى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ-يوق، بۇ ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ جۇڭگودىكى مەۋھۇم رىئاللىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئاچقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. Oculus نىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئاچقۇچىلار نۇسخىسى DK1 ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئاچقۇچىلار نۇسخىسى DK2 ئىلگىرى ھەممىسى جۇڭگودا سېتىشنى قوللىغان، ئەمما 2015-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ Oculus جۇڭگوغا Oculus Rift DK2 ئۈسكۈنىسى تەمىنلەشنى توختاتقان، ھەمدە جۇڭگودىن تالون قوبۇل قىلمىغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا دەل ھايانكەشلەر.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، Oculus شىركىتى Rift CV1 نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئەۋەتىشنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى يوق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved