12-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا دېسموند ناملىق تەيفېڭ بورىنى ئەنگىلىيىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئېنگلاندنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كامبىرىيا (Cambria) ناھىيىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 72 ياشقا كىرگەن پېنسىيونىر-Peter Clarkson نىڭ ئۆيىنىمۇ كەلكۈن سۈيى بېسىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بوۋاي بۇنىڭدىن قىلچە ئىلاجسىزلىق ھېس قىلمىغان ھەم قورقۇپ قالمىغان.بوۋاي ئەكسىچە قۇلۇم-قوشىنىلىرىغا < دۇنكېرك روھى> (Duinkerke) نى نامايەن قىلىپ، ئۇلارغا كەلگەن بۇ خىل بەخىتسىزلىكنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان.
71 ياشلىق بۇ بوۋاي ئۈستىگە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن ھالدا ئاشخانا ئۆي ئىچىدە سۇ ئۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، قازان ۋە باشقا ئاشخانا ئېلىكتىر سايمانلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا لەيلەپ يۈرەتتى.
ئۇنىڭ ئاشخانا ئۆيىنى تەخمىنەن 1.2 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇ بېسىپ كەتكەنىدى. كەلكۈن پەسەيگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاشخانا ئۆيىدىكى سۇ ئاستا-ئاستا قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، Clarkson ئاشخانا ئۆيىنى تازىلاشقا باشلىغان. بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئازاب ئىچىدىن خوشاللىق تېپىپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلغان بولۇپ، Clarkson پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى خالاس.
![]() |
ئامىر خان بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.
...
|
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved