جاھان ئاگېنتلىقى 1-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەر، ئىئوردانىيە-سۇرىيە چېگرىسىدىكى بىردىنبىر چېگرا ئىشىكىنى كونترول قىلىۋالدى. ئىئوردانىيە تەرەپ، «جابىر چېگرا ئېغىزى»نى تەدبىر كۆرۈش مەقسىتىدە ۋاقىتلىق تاقىدى.
ئىئوردانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەجالى، ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئوچۇق بولغان بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى بولغان جابىر چېگرا ئېغىزى، كۆپىيۋاتقان تۇقۇنۇش ۋەقەلىرى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق يولۇچىلار ۋە مال-ئەشيا توشۇشقا تاقىۋېتىلدى» دېدى.
مەجالى، يۇقارقى قارارنىڭ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىئوردانىيەنى قوشنىسى سۇرىيە بىلەن 375 كىلومىتىرلىق چېگرا باغلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، چېگرادا جابىر ۋە دەرئان چېگرا ئېغىزلىرى بار. دەرئان چېگرا ئېغىزى 2013-يىلى بېشىدىن باشلاپ تاقىۋېتىلگەن.
سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى جەنۇب ئەترىتىگە قاراشلىق قىسىملار، دەرئا رايۇنىنىڭ جەنۇبىدا ئىئوردانىيە چېگرىسىدىكى ناسىب چېگرا ئېغىزى «ئىئوردانىيە تەرەپ جابىر چېگرا ئېغىزى دەپ ئاتايدۇ» نى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇب ئەترىتىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، چېگرا ئېغىزىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بىلەن قاتتىق تۇقۇنۇش نەتىجىسىدە كونترول قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رايۇندىكى يەرلىك پائالىيەتچىلەردىن ئىبراھىم ھەرىرى، مۇخبرىغا سۆز قىلىپ جەنۇب ئەترىتىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ كونتروللىقىنى قولىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىبراھىم يەنە، چېگرا رايۇنى ئەتراپىدا ئۆكتىچى قىسىملار بىلەن ئەسەد كۈچلىرى ئارىسىدا تۇقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، « ئۆكتىچىلەرنىڭ سۇرىيە ئىنقىلابى بايرىقىنى چېگرا ئېغىزىغا قادىغانلىقىنى»بىلدۈردى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ! ئىزدەش ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved