ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى ئاپتوموبىللار كەلكۈن سۈيىدە قالدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 30-ئىيۇن تېلېگراممىسى ؛ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 25-ئىيۇندىن بۇيان ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ، تۆۋەن ئېقىنىغىچە بولغان جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان ، قىسمەن جايلاردا ئارىلاپ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ، بوران قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلگەن ؛ شەرقىي شىمال ، غەربىي شىمال رايونلىرىنىڭ شەرقىدىكى قىسمەن جايلاردا كۆپ قېتىم قاتتىق ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ ، كەلكۈن ، مۆلدۈر ، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بەرگەن .
دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ، 30-ئىيۇن سائەت 10:00 غىچە ، ئىچكى موڭغۇل ، جىلىن ، خېيلۇڭجياڭ ، جېجياڭ ، ئەنخۇي ، جياڭشى ، خۇبېي ، خۇنەن ، گۇاڭشى ، چۇڭچىڭ ، سىچۇەن ، گۇيجۇ، يۈننەن ، شىزاڭ ، شەنشى ، شىنجاڭ قاتارلىق 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە جەمئىي 1 مىليون 419 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 23 ئادەم ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغان ، ئالتە ئادەم يوقاپ كەتكەن ؛ 36 مىڭ ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن ، 20 مىڭ ئادەم تۇرمۇش ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ، 3200 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 25 مىڭ ئېغىز ئۆي بۇزۇلغان ، 95 مىڭ 400 گېكتار زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 مىڭ 200 گېكتار زىرائەت پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يەتكەن .
بۇلارنىڭ ئىچىدە ، ئاپەت سەۋەبىدىن يۈننەندە بەش ئادەم قازا قىلغان ، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتكەن ، جېجياڭدا تۆت ئادەم قازا قىلغان ، گۇيجۇدا ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتكەن ، خېيلۇڭجياڭدا ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ، سىچۇەندە ئىككى ئادەم قازا قىلغان ، شەنشىدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان ، خۇبېي ، گۇاڭشى ، چۇڭچىڭ ، شىزاڭلارنىڭ ھەر بىرىدە بىر ئادەم قازا قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved