بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتا يېڭى سىياسەت چىقىرىلدى ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا 201-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ،ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى خىزمەت پىلانىنى تارقاتتى . كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : ‹ 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ، مەملىكەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىش پىلانى يولغا قۇيۇلۇپ ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسىدا ،تور دۇكىنى ئاشقانلارغا ،ئاز سوممىلىق قەرز ۋە ئۆسۈم ياردەم بېرىلىدۇ .
مەكتەپتىن ئايرىلىپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ، جامائەت ئورۇنلاشتۇرۇش ،ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئاپپاراتلىرىدا ئۆز نامى بىلەن تىزىملاتقانلار ، ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغانلارغا مۇئەييەن سوممىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سوممىسى بېرىلىدۇ . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئۇقۇش ھەققى ۋە ئۇقۇش ياردەم پۇلى قەرزى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق يىراق چەت رايوندىكى ناھىيىدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ، كەسپى تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئورۇن ئىلتىماس قىلغاندا ،چەتئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشمايدۇ ياكى چەتئەل تىلى نەتىجىسىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ .
كىچىك مىكرو كارخانىلار شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى قۇبۇل قىلىپ ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى تۈزىسە ،ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تۇلۇق تاپشۇرسا ،بىر يىللىق ئىجتىمائىي تولۇقلىما سوممىسى بېرىلىدۇ . كىچىك مىكرو تىپتىكى كارخانىلار ئىشقا قۇبۇل قىلغان شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى مۇئەييەن نىسبەتكە يەتسە كۆپ بولغاندا ،2 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ، دۆلەت كارخانىلىرى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى قۇبۇل قىلسا ، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدىن باشقا ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنى ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىىلىشى كېرەك .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved