مالايسىيە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئاماد قەرۇدىن يېقىندا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بىز جۇڭگو بىلەن يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت كەسپى، ئۇچۇر كەسپى ۋە يۇقىرى تېخنىكا كەسپى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.
11-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ھەم سودا ۋەكىللىرى مۇشۇنداق ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەپ، ئۇچۇر، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئالماس ئون يىل ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئالتۇن ئون يىلنى ئەسلىسەك، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى-جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شياۋچىن ئۆتكەن ئون يىلدا، جەمئىي 400 مىڭ سودىگەر كۆرگەزمىگە قاتناشتى، كۆرگەزمىدە، باجنى ئازايتىش، بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر كارخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، 11 دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى دېدى.
سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭگونىڭ 3-چوڭ سودا شېرىكىگە، 4-چوڭ ئېكسپورت بازىرى ۋە 2-چوڭ ئىمپورت مەنبەسىگە ئايلانغان، جۇڭگو ئۇدا تۆت يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ 1-چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالغان. ئىقتىساد، سودىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش-جۇڭگو ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيې جىكۈي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋە كەسپىي ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خام ئەشيا ئاشۇرما قىممىتى، مۇھىت ئاسراش، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە دەپ كۆرسەتتى.
بېرمىنىڭ مۇئاۋىن پەن-تېخنىكا مىنىستىرى بارۇي بېرما ئەزا دۆلەتلەر ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە ھەم يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ساھەسى، بولۇپمۇ نامى، بىئوتېخنىكا، ئۇچۇر كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى. 2012-يىلى جۇڭگو بىلەن تايلاند تايلاند ئېلېكتىر تورىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى ھەم قۇرۇشقا پۈتۈشتى. 2013-يىلى 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو-مالايسىيە چىنجۇ كەسىپ باغچىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى يۈنگۇ تۈرى ئىمزالىنىپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى ئېچىش تۈرىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.
بۇ يىل-جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئالماس ئون يىلى باشلانغان يىل، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇش باش تېمىسى ئارقىسىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقى-بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ھىندونېزىيە قەھۋە گۇرۇھىنىڭ لېدىرى خۇتاما سۇگادى بۇ قېتىم بىز قەھۋە سېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېلېكتىرونلۇق سودا جەھەتتە ھەمكارلىق شېرىكى تېپىش ئۈچۈن كۆرگەزمىگە قاتناشتۇق دېدى. جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى فاڭ ئەيچىڭمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا-جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپى، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىقى يېقىن، كەسىپ جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىدا خېلى زور يوشۇرۇن ماكانغا ئىگە دېدى.
جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى جېڭ خۇيجيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىللىق كۆرگەزمىدە، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش باشلىقلار مۇنبىرى، تېخنىكا يۆتكەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد-سودىدىن باشقا ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يەنىمۇ كېڭەيتىلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە، مەركەزلىك ئىمزالانغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرى 72 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، سودا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىئوتېخنىكا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر قىزىق نۇقتا بولدى، ئىمزالانغان تۈر سانى ۋە ئىمزالانغان سومما ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.
گۇاڭشى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى لۈ يۈشېڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىقى-جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق كەم جايلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق، كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى كەسىپ قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە رايون سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved