شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى مىكرو بىلوگى ئۇچۇرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بۇ پەسىللىك جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق توپچىلاردىن جەمئىي 16نەپەر بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ توپچىمىز جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدۇ، 13 نەپەر توپچىمىز جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدۇ.
جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان ئۈچ توپچى بولسا جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىدىكى بارى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىكى ئابدۇۋەلى ئابلەت ۋە مۇرەخمەتجان.
جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان 13 توپچىمىز بولسا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىدىكى مۇستاپا نۇرەخمەت. يەھيا ئابلىكىم . ئەخمەتجان. ئەرافات مىجىت. مەخمۇتجان ئابدۇكېرىم. ئابدۇلئەزىز ئابدۇسالام. ئەلىجان ئالىمجان. شەۋكەت يالقۇن ، سالىخان دامىقان قاتارلىق 9 توپچى.
خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبىدىكى ئۆتكۈر. چىڭداۋ جوڭنېڭ كۇلۇبىدىكى دىلمۇرات . يەنبىيەن كۇلۇبىدىكى ئەخمەتجان ۋە گۈيجۇ جىچېڭ كۇلۇبىدىكى ئىلھام قاتارلىقلار.
بۇ پەسىللىك جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved