پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدىن ئايرىلىپ لىۋىرپول كۇلۇبىغا قوشۇلغان چاغدا توررىس ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ چوقۇم يەنە مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ يەتتە يىلدىن كېيىن توررىس ئاخىرى ئۆيىگە قايتىدىغان بولدى. توررىس مادرد رىقابەت كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولسا مادرىد دېربىسى: يەنى ان مادرىد كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدۇر.
2015-يىلى مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى لېۋەنتى كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدۇ. ئىسپانىيەنىڭ قىشلىق يۆتكىلىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىدۇ. بىراق ئىتالىيەنىڭ يۆتكىلىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى توررىس گەرچە مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن بىللە مەشىق قىلغان تەقدىردىمۇ پەقەت 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن ئاندىن مادرىد رىقابەتكە ۋەكىل بولۇپ رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.
1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە دەل ئوخشاش شەھەر دېربىسى. 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش سەككىز كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ھالقىلىق مۇسابىقە توررىس ئۈچۈن ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان تۇنجى مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ.
توررىس مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماندۇزىك كۇلۇبتىن ئايرىلامدۇ يوق؟ ئېنگىلاند « كۈندىلىك چولپان گېزىتى » نىڭ كۆرسىتىشىچە مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 32 مىلىيۇن ياۋرو بىلەن بۇ كىرودىيەلىك توپچىنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. پېللىگىنى ( مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ) ھازىر قول ئاستىدىكى ئاگۈيرو، يۇۋىدىك، زوك قاتارلىق ھۇجۇمچى سېپىدىكى مۇھىم ئەزالار بىلەن ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ قويغان. مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ماندۇزىكنى قوشۇۋالغاندا 22 مىلىيۇن ياۋرو خەجلىگەن. ئەگەر مانچىستىر شەھىرىگە ماندۇزىكنى قوشۇپ بەرسە ئاسانلا 10 مىلىيۇن ياۋرو تاپىدۇ. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ ماندۇزىكنى قۇيۇپ بېرىدىغان ئەلپازى يوق.
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىدا مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدا ھازىر ئۈچ كىشى بار. بىراق ئەسقاتىدىغىنى پەقەتلا ماندۇزىك بىر ئادەم. ئۇ ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزۈپ بولدى. رائۇل سىمونىس ھازىرغىچە 11 قېتىم مەيدانغا چىقىپ مۇسابىقە ئويناپ پەقەت بىرلا توپ كىرگۈزدى. توررىسنىڭ مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدا شانلى تارىخى بارلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىراق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھەقىقى ھالىتىنى تاپالمايۋاتىدۇ. شۇڭا مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى سىمونى مۇ توررىسقا دو تىكىشتىن ئەنسىرەپ قالغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved