جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ 18-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، چاغانلىق قاتناشنىڭ ئالدىدىكى 15 كۈندە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللار 101 مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەتتە مىليون ئون مىڭى كۆپىيىپ، %7.4 ئاشقان.
چاغانلىق قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، تۆمۈريول تارماقلىرى بىخەتەر، قولاي، خۇشال سەپەرگە چىقىشنى چۆرىدەپ، توشۇش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ قېزىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى؛ ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، رېمونت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چۈشۈش-چىقىشقا تەشكىللەشنى چىڭىتىپ، كىملىككە قاراپ بېلەت تەكشۈرۈش ۋە پويىزلارغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ بېلەت سېتىشقا تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بېرىش-كېلىش بېلىتىنى مەركەزلىك سېتىپ، بېلەت سېتىش، ئېلىش كۆزنىكى ۋە بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كۆزنىكى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved