ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 10- ئۆكتەبىر ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: تېررورچى تەشكىلاتلار ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە ئۆچ ئىلىش خاراكتېردە ھۇجۇم قوزغاش مۇمكىنچىلىكى زورايماقتا.
ئاگاھلاندۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوللىغۇچىلىرىنى مەزكۇر تەشكىلاتغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا مەيلى ئۇلارنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھۇجۇم قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتكۈل دۇنيادىكى بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق رايونى ، شىمالىي ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادا ئامېرىكا، غەرب ئەللىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ نىشانلىرىغا ئۆچ ئىلىش خاراكتېردە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىھتىماللىقى زورايماقتا دەپ ھېسابلىدى.
ئاگاھلاندۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بازا تەشكىلاتى ھەمدە ئۇلارنىڭ شۆبە ئورگانلىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى كۆپەيتىپ، بۇ ئارلىق تاپقان پۇلىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىشلىتىدىغان خىراجەت قىلماقچى بولماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved