12-سىنتەبىر ھەربىي ئۆزگىرىشى
سىياسىي جىنايەتلەر، قانلىق 1-ماي، چورۇم ۋە ماراش ۋەقەلىرى، پارلامېنتنىڭ تاقىۋېتىلىشى، ئىقتىسادى كىرزىس…. تۈركىيە تارىخىغا بازغاندەك ئۇرۇلغان سىياسىي مۇساپىنىڭ جەريانى. تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ھاياتىنى يېڭىدىن لايىھەلىگەن 12-سىنتەبىر مەزگىلى ئالدىدىكى قاتتىق سىلكىنىشلەر، ھەربىي مۇداخىلىدىن كېيىن دىكتاتورلۇق ھۆكۈم سۈرگەن بىر مۇھىتنى شەكىللەندۈردى. ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن 650 مىڭ كىشى قولغا ئېلىندى، 1 مىليون 683 مىڭ كىشى ھەققىدە ھۆججەت تۇرغۇزۇلدى. 210 مىڭ تۈرلۈك داۋادا 230 مىڭ كىشى سوتقا تارتىلدى. 7 مىڭ كىشى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىندى. 517 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بۇلاردىن 50 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئەمەلىي ئىجرا قىلىندى. 98 مىڭ 404 كىشى تەشكىلات ئەزاسى دىگەن جىنايەت بىلەن سوتقا تارتىلدى، 30 مىڭ كىشى «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر» بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدەلدى، 14 مىڭ كىشى تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرۋېتىلدى. 30 مىڭ كىشى سىياسىي پاناھلانغۇچى بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى. 171 كىشى قولغا ئېلىنىپ قىيىن-قىستاقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. 937 دانە فىلىم «قانۇنسىز ياكى مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ چەكلەندى. 23 مىڭ 677 ئۇيۇشما ياكى جەمئىيەتنىڭ پائالىيتى توختىتىلدى. 3 مىڭ 854 ئوقۇتقۇچى، ئۇنىۋېرستىتىلاردا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 120 مائارىپچى، 47 نەپەر سوتچى خىزمەتتىن بوشىتىلدى. 31 نەپەر مۇخبىر تۈرمىگە قامالدى، 300 نەپەر مۇخبىر تۈرلۈك ھۇجۇملارغا ئۇچرىدى، ئۈچ نەپەر مۇخبىر قۇراللىق قەستلەش بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى. بارلىق گېزىتلەر 300 كۈن ھېچقانداق خەۋەر تارقىتالمىدى. 13 دانە چوڭ گېزىتخانا ئۈستىدىن 303 تۈرلۈك داۋا قاراپ چىقىلدى، 39 توننا گېزىت ۋە ژۇرنال كۆيدۈرۈلدى. تۈرمىدە قامالغانلاردىن جەمئىي 299 كىشى تۈرمە ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. 14 كىشى ئاچلىق ئېلان قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1997-يىلى:
1-ماي: ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا كىشىلەر توپى ئارىسىغا نامەلۇم كشىىلەر تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلدى. بۇ ۋەقەدە 33 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ ۋەقە ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانمىدى، بۇ ۋەقە تارىختا «قانلىق 1-ماي» ۋەقەسى دەپ خاتىرلەندى.
13-ئىيۇن: شۇ مەزگىلدىكى باش مىنىستىر سۇلايمان دەمىرەل ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بەردى. مىللەتچى فرونت ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
29-ماي: ئىزمىر ئايرۇدرومىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باشلىقى بۈلەنت ئەجەۋىت قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئەجەۋىت بۇ سۇيقەستتىن ساق قۇتۇلدى.
21-ئىيۇن: جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى رەھبىرى بۈلەنت ئەجەۋىت ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كابېنتنى ئېلان قىلدى.
1978-يىلى:
15-يانۋار: سولچى ۋە ئوڭچى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى زورايدى. ئىككى ھەپتە ئىچىدە 30 دىن كۆپ كىشى ئۆلدى.
16-مارت: ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستىتىدىن قوزغىلىپ چىققان سولچى قاراشتىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بومبا ۋە ئاپتۇماتىك قۇرال بىلەن باستۇرۇلدى. 16-مارت قىرغىنچىلىقى ۋەقەسىدە 7 ئوقۇغۇچى ئۆلدى، 47 كىشى يارىلاندى. بۇ ۋەقە تېخىچە ئايدىڭلاشمىدى. بۇ ۋەقە ھەققىدە 3 كىشى سوتقا تارتىلغان بولۇپ 2008-يىلى مۇددەتتىن چۈشۈپ قالدى.
17-ئاپرېل: ئادالەت پارتىيىسى ئەزاسى مالاتيا شەھەر باشلىقى ھامىد فەند ئوغلۇ، ئۇنىڭغا ئەۋەتىلگەن بومبا قاچىلانغان بىر ساندۇقنى ئېچىپ كېلىنى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى. مالاتيادا بىر قانچە زور ۋەقەلەر يۈز بەردى، كوچىلاردا نامايىش ھەرىكەتلىرى بىر قانچە كۈن داۋاملاشتى.
19-ماي: ئەنقەرەدە ياشلار ۋە تەنتەبىيە بايرىمىدا قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم قىياپىتى سەۋەبلىك قارشى نامايىش يۈز بەردى، ئىستانبۇلدىكى تەنتەربىيە مەيدانى ئالدىدا بومبا پارتىلدى، مىللىي سائادەت پارتىيسى باشلىقى نەجمىددىن ئەرباقان ئانتىكابىردىكى خاتىرە مۇراسىمىغا قاتناشمىدى.
2-ئىيۇن: مادرىدتا ئەرمەنىيە تەشكىلاتى «ئاسالا» نىڭ پىلانلىغان قۇراللىق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، تۈركىيەنىڭ مادرىد باش ئەلچىسى زەكى كۇنەرئالىپنىڭ ماشىنىسىدا ئايالى نەجلا كۇنەرئالىپ، پىنسىيەگە چىققان باش ئەلچى بەشىر بالجىئوغلۇ ۋە شوپۇرى بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدىن ئايرىلدى. باش ئەلچى ماشنىىسدا بولمىغاچقا ساق قالدى. مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئەرمەنىيە تەشكىلاتى «ئاسالا»نىڭ 21 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان قۇراللىق ھۇجۇملىرىدا 42 نەپەر تۈركىيەلىك دىپلوماتىيە خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
4-ئۆكتەبىر: مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل رايۇنلۇق باشلىقى رەجەب ھاشتالى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدە قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھۇجۇمنى «ماركىست لېنىنست قۇراللىق گۇرۇپپىسى» ئۈستىگە ئالدى.
9-ئۆكتەبىر: ئەنقەرەدە باھچەلىئەۋلەر بازىرىدا يەتتە نەپەر تۈركىيە ئىشچى پارتىيىسى ئەزاسى ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ قەستلەش ۋەقەسىگە ئابدۇللاھ چاتلى ۋە ھالۇك كىرجى قاتارلىقلار قاتناشقان، كىرجى 1999-يىلى قولغا ئېلىنىپ سوتلانغان ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ «بىز ئۇ ۋاقىتتا ياش ئىدۇق، بىزنى باشقىلار ئىشلەتكەن» دېگەن.
20-ئۆكتەبىر: ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرستىتى ئېلىكتىر پاكۇلتىتى مۇدىرى بەدرى كارافاكىئوغلۇ ئىستانبۇلدا قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى.
27-نويابىر: ئابدۇللاھ ئوجالان «كۈرت ئىشچى پارتىيسى» نى قۇردى.
19-دىكابىر: قەھرىمانماراشتا «چىچەك تىياتىرخانىسى» سولچى قاراشتىكىلەر تەرىپىدىن بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ. سولچى ۋە ئوڭچىلار ئارىسىدا قالايمىقانچلىق يۈز بەردى، بىر ھەپتە داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىقتا 100 دىن كۆپ كىشى ئۆلدى. ئالەۋى مەزھىبىدىكىلەرنىڭ 200 دىن كۆپ ئۆيى ۋەيران بولدى. قالايمىقانچىلىق نەتىجىسىدە مەزكۇر رايۇندىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى رايۇندىن چېكىندى. بۇ ۋەقە قەيسەرى ۋە غازىئانتەپ رايۇندىن ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن باستۇرۇلدى.
26-دىكابىر: 13 ۋىلايەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
1979-يىلى:
1-فېۋرال: مىللىيەت گېزىتىسى يازغۇچىسى ۋە تەشۋىقات باشلىقى ئابدى ئىپەكچى ئىستانبۇل نىشانتاشىدىكى ئۆيى ئالدىدا ماشىنىسىدا قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقەنىڭ جىنايەتچىسى مەھمەت ئالى ئاغاجا 5 ئايدىن كېيىن تۇتۇلدى، مەھمەت تۈرمىدە 6 ئاي تۇرغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن قېچىپ بۇلغارىيەگە كەتتى.
9-ئاپرېل: تۈركىيە مىللىي ئاخبارات تەشكىلاتى «MİT» مۇئاۋىن باشلىقى پىنسىيەگە چىققان پولكوۋنىك ساباھىدىن ساۋاشمان، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى «CIA» غا جاسۇسلۇق قىلغان دەپ قارىلىپ 17 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
25-ئاپرېل: ھەربىي ھالەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى «تۈركىيە پارلامېنتى» تەرىپىدىن ئىككى ئاي ئۇزارتىلدى.
13-ماي: تۈرك سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى گېزىتكە ئېلان بېرىپ بۈلەنت ئەجەۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
11-ئىيۇن: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە لىراسىدا پاخاللىشىش كۆرۈلدى.
13-ئىيۇل: ئەنقەرەدە مىسىر باش ئەلچىخانىسى 3 نەپەر پەلەستىنلىك تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئەلچىخانا خادىملىرى تۇتقۇن قىلىندى، توقۇنۇشتا بىر ساقچى ۋە بىر قاراۋۇل ئۆلدى، تۇتقۇن قىلغۇچىلار 15-ئىيۇلدا تەسلىم بولدى.
5-ئۆكتەبىر: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەسەن فەھمى گۈنەش ، كىنو ئارتىىسى ئاينۇر ئايدان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.
19-نويابىر: مىللىيەتچى مۇخبىر ۋە يازغۇچى، سابىق ئادالەت پارتىيىسى خەلق ۋەكىلى ئىلخان ئەگەمەن دارەندەئوغلۇ ئىستانبۇلدا سۇيقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى.
27-دىكابىر: تۈركىيە قۇراللىق ئارمىيسى پرېزىدېنتقا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتتى. باش شىتاب باشلىقى گېنىرال كەنئان ئەۋرەن بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىرىنىڭ ئىمزاسى يېزىلغان مەكتۇبتا دۆلەتتىكى ئىچكى قالايمىقانچلىقتىن بىئاراملىق بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ مەكتۇب 2012-يىلى مەھكىمە تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان 12-سىنتەبىر ئەرز شىكايەتنامىسىدە ھەربىي مۇداخىلىنىڭ شارائىتلىرىنى يىتىلدۈرۈش قارارىنىڭ بىر يىل بۇرۇن پىلانلانغانلىقىغا دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.
1980-يىلى:
1-يانۋار: باش شىتاب باشلىقى كەنئان ئەۋرەن بىلەن قۇراللىق ئارمىيە قۇماندانلىرى پرېزىدېنت سارىيىدا پرېزىدېنت فەخرى كورۇتۈرك بىلەن كۆرۈشتى.
24-يانۋار: 24-يانۋار قارارنامىسى دەپ تونۇلغان ئىقتىسادى پروگرامما ئېلان قىلىندى. يۈز بەرگەن ئىقتىسادى قالايمىقانچىلىق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئازىيىشى ۋە قاراڭغۇ بازارچىلارنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلارنىڭ يۇقىتىلىشى ئۈچۈن ئۇمۇمى خىراجەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، ئىش ھەققىنىڭ پەسىيىشى قاتارلىقلار قارارلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن باش مىنىستىر سۇلايمان دەمىرەل تۈركىيە سىياسىي ھاياتىغا تامغا ئۇرغان رەھبەر تۇرغۇت ئۆزەلنى باش مىنىستىر مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن بۇ رامكىدا بىر كېلىشىم ئىمزالاندى.
6-ئاپرېل: پرېزىدېنت فەخرى كورۇتۈركنىڭ پرېزىدېنتلىق مۇددىتى ئاخىرلىشىشى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا سايلام كىرزىسى باشلاندى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋە ئادالەت پارتىيىسى نامزاتلىرىنى ئەڭ ئاخىرىدا چىقاردى. سايلام جەريانىدا ھېچقانداق بىر نامزات پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن يىتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى. پارلامېنت ئون نەچچە قېتىم قايتا-قايتا ئاۋازغا قويدى ئەمما يېڭى پرېزىدېنت سايلانمىدى.
27-ماي: مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن سابىق مىنىستىر گۈن سازاك ئىنقىلابچى سولچىل تەشكىلات تەرىپىدىن ماشىنىسىدا ئۆلتۈرۈلدى.
17-ئىيۇن: باش شىتاب باشلىقى كەنئان ئەۋرەن ، ئارمىيە قۇماندانلىرى ۋە باش شىتاب 2-دەرىجىلىك باشلىقى نەجدەت ئۆزتورۇنغا «بايراق ھەرىكىتى» ناملىق بىر ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ 1980-يىلى 11-ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى ھەققىدە تەلىمات بەردى.
2-ئىيۇل: «بايراق ھەرىكىتى» باش مىنىستىر سۇلايمان دەرمىرەل ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچ بىلدۈرۈش ئاۋازىغا ئېرىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن كېچىكتۈرۈلدى.
4-ئىيۇل: قەھرىمان ماراشتا يۈز بەرگەن ئالەۋى-سۈننىي مەزھىبى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئوخشاش ۋەقەلەر چورۇمدا تەكرار يۈز بەردى. ۋەقەلەردە رەسمى ئسىتاستىكىغا ئاساسەن 57 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
19-ئىيۇل: سابىق باش مىنىستىر نىھات ئەرىم ئىستانبۇلدا ئۆلتۈرۈلدى.
22-ئىيۇل: تۈركىيە ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى سابىق باشلىقى، كانچىلىق ئۇيۇشمىسى باشلىقى كەمال تۈركلەر، نىھات ئەرىم جىنايىتىگە ئىنتىقام سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلدى.
28-ئاۋغۇست: 1980-يىلى 5-سىنتەبىردىن ئىتىبارەن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى ئۇقتۇرۇلغان «بايراق ھەرىكىتى» بۇيرۇقى تېز يوللانما بىلەن ئارمىيە قۇماندانلىرىغا يەتكۈزۈلدى.
5-سىنتەبىر: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادالەت پارتىيىسى ئەزاسى خەيرۇددىن ئەركمەن، تۈركىيە پارلامېنتدا ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈلگەن تۇنجى مىنىستىر بولۇپ ھىسابلاندى.
6-سىنتەبىر: مىللىي سائادەت پارتىيىسى باشلىقى نەجمىددىن ئەرباقان، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنى پايتەخت دەپ ئېلان قىلىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە كونيا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆز قىلىپ، ئەرباقاننىڭ سۆزلىرى تۈركىيە قۇراللىق ئارمىيسى تەرىپىدىن «شەرىئەت مەقسىتىدىكى ئۇرۇنۇش» دەپ قارالدى.
12-سىنتەبىر: ئارمىيە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. باش شىتاب باشلىقى كەنئان ئەۋرەن ۋە ئارمىيە قۇماندانلىرىدىن تەشكىللەنگەن مىللى بىخەتەرلىك كومىتىتى ئەزالىرى ھەربىي ئۆزگىرىش باياناتنامىسىنى «تۈركىيە رادىئو-تېلىۋىزىيىسى»TRT ئارقىلىق جاكارلىدى. باياناتنامىدە؛ «تۈركىيە قۇراللىق ئارمىيىسى قولمۇ-قول بولۇپ ئىچكى خىزمەت قانۇنى بويىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى قوغداش ۋە قوللاش ۋەزىپىسىنى ئۇلۇغ تۈرك مىللىتى نامىدىن ئورۇنداش قارارىنى ماقۇللىدى، ھۆكۈمەت تامامەن ئاغدۇرۇلدى» دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن كېينكى بىر باياناتنامە بىلەن ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن رايۇنلارغا قۇماندانلىق تەسىس قىلىندى. سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيسى ۋە بالىلارنى قوغداش ئورگىنىدىن باشقا بارلىق جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلارنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلەندى. ساقچىلار ژاندارما ئەترىتىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىغا تاپشۇرۇلدى. ھەربىي ئۆزگىرىش كىچە سائەت 03:00 تە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شۇ كۈنى سائەت 05:00 تە باش مىنىستىر سۇلايمان دەمىرەل، بۈلەنت ئەجەۋىت ۋە نەجمىددىن ئەرباقانغا باش شىتاب باشلىقىنىڭ ئىمزاسى بىلەن بايانات ئەۋەتىلدى. باياناتتا، « تۈركىيە قۇراللىق ئارمىيىسى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ھۆكۈمەت بىكار قىلىندى. پارلامېنتتىكى ۋەزىپىلەر بىكار قىلىندى. ئوفىتسىرلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا بويسۇنۇش كىرەك» دەپ يېزىلغان.
17-سىنتەبىر: نازارەت قىلىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى.
18-سىنتەبىر: مىللى بىخەتەرلىك كومىتىتىنڭ باشلىقى ۋە 4 ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇراسىم بىلەن قەسەم بەردى.
19-سىنتەبىر: 1402 نومۇرلۇق قانۇن ھەربىي ھالەت قۇماندانلىرى بارلىق ئاممىۋى خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھۇقۇقىغا ئىگە دەپ قايتىدىن تۈزىتىلدى.
8-ئۆكتەبىر: ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن سولچى قاراشتىكى نەجدەت ئادالى ۋە ئوڭچى قاراشتىكى مۇستاپا پەھلىۋانئوغلۇ بار. بۇ ئىككىىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئەنقەرە مەركەز تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىندى. كەنئان ئەۋرەن، 2012-يىلىدىكى 12-سىنتەبىر داۋاسىدا «بىرىنى سولدىن، بىرىنى ئوڭدىن دارغا ئاستۇق» دەپ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
11-ئۆكتەبىر: مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى ئالپئارسلان تۈركەش ۋە باشقا خەلق ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 نەپەر پارتيە ئەزاسى ھەققىدە مەخپى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
15-ئۆكتەبىر: ئەرباقان ۋە باشقا مىللىي سائادەت پارتىيىسى ئەزالىرى 2-نومۇرلۇق ھەربىي سوت تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
10-نويابىر: «شەرەپ نەشىرياتى» باشلىقى ئىلخان ئەردوست ماماك ھەربىي تۈرمىسىدە قامىلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى.
3-دىكابىر: 17 ياشلىق ئەردال ئەرەن سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
19-دىكابىر: تۈركىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىىسى داۋاسى ئېچىلىشقا باشلاندى.
1981-يىلى:
24-ئاپرېل: مىللىي سائادەت پارتىيىسى ئەزالىرىنى سوتلاش باشلاندى، ئەرباقان 14 بىلەن 36 يىل ئارىسىدا قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىندى.
29-ئاپرېل: 587 نەپەر مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئەزاسى ھەققىدە ئېچىلغان داۋادا پارتىيە باشلىقى تۈركەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 220 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىندى.
22-ئىيۇل: كەنئان ئەۋرەن ئەرزۇرۇمدا سۆز قىلىپ؛ «يېڭى قارار بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مەجبۇرى دىنى دەرسلەر قوشۇلىدۇ» دېدى.
15-ئۆكتەبىر: تۈركىيەدىكى بارلىق سىياسي پارتىيەلەر تاقىۋېتىلدى.
1982-يىلى:
13-ئىيۇل: ۋاقىتلىق ماددىلاردىن سىرىت 200 ماددىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى ئاساسى قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىندى.
7-نويابىر: يېڭى ئاساسى قانۇن ئۈچۈن خەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىلدى. ئاساسى قانۇن يۈزدە 90% تىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. ئەۋرەن 7 يىللىق پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى، مىللى بىخەتەرلىك كومىتىتى پرېزىدېنتلىق كومىتىتىغا ئايلاندى.
1983-يىلى:
24-ئاپرېل: سىياسىي پارتىيە قانۇنى چىقىرىلدى.
20-ماي: ئانا ۋەتەن پارتىيىسى قۇرۇلدى.
6-نويابىر: ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزلدى. تۇرغۇت ئۆزەل رەھبەرلىكىدىكى ئانا ۋەتەن پارتىيسى سايلامدا 45% ئاۋازغا ئېرىشىپ يالغۇز ھالدا ھاكىمىيەتكە چىقتى.
2010-يىلى:
12-سىنتەبىر: ئاساسى قانۇننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە 12-سىنتەبىر ھەربىي ئۆزگىرىشىنىڭ مەسئۇللىرىنى سوتقا تارتىشنى چەكلەيدىغان ئۆتكۈنچى 15 ماددىلىق قانۇن بىكار قىلىندى.
2012-يىلى:
4-ئاپرېل: ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن دۆلەتنى ئىدارە قىلغان مىللى بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ ئىككى ئەزاسى سوتقا تارتىلدى. باش شىتاب باشلىقى كەنئان ئەۋرەن ۋە ھاۋا ئارمىيە قۇماندانى تاھسىن شاھىنكايا تۇنجى قېتىملىق سوتتا سالامەتلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتنى كۆرسىتىپ سوتقا قاتناشمىدى. مىللى بىخەتەرلىك كومىتىتىدىن ھايات قالغان ئىككى شەخىس، « تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ئاساسى قانۇنىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىش، ياكى بىكار قىلىش ۋە ئاساسى قانۇن بىلەن تەشكىللەنگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى «تۈركىيە پارلامېنتى» نى بىكار قىلىش، ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىنى چەكلەش» قاتارلىق جىنايەتلەر سەۋەبىدىن ئېغىرلىتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
11-ئاپرېل: تۈركىيە پارلامېنتى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە ھەربي ئۆزگىرىش پىلانلىغۇچىلار ۋە كۈندىلىك خاتىرەلەرنى تەكشۈرۈش كومىتىتى قۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن تەكلىپ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قۇبۇل قىلىندى. 17 خەلق ۋەكىلىدىن تەشكىللەنگەن كومىتىت 1404بەتلىك دوكلات تەييارلىدى.
20-نويابىر: كەنئان ئەۋرەن ۋە تاھسىن شاھىنكايا تۇنجى قېتىم سوتقا قاتناشتى.
21-نويابىر: ئەۋرەن ۋە شاھىنكايا ئۆزىنى «قۇرغۇچى رەھبەر» دەپ قاراپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى سوتقا تارتالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەۋرەن ؛ «ئەگەر بۈگۈن بولغان بولسا يەنىلا ئوخشاش ئىنقىلاب قىلغان بولاتتۇق» دىگەن.
2013-يىلى:
13—فېۋرال: ھەربىي ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى باش شىتاب باشلىقى كەنئان ئەۋرەن بىلەن ھاۋا ئارمىيە قۇماندانى گېنىرال تاھسىن شاھىنكايا، ئۆزى ھەققىدە بېرىلگەن قارارغا رازى بولماي ئاساسى قانۇن مەھكىمىىسگە شەخسى ئەرز سۇندى.
27-مارت: 32 يىلدىن بېرى داۋاملاشقان ۋە 1243 جىنايەتچى بىلەن باشلانغان «ئىنقلابچى سولچىل تەشكىلاتنىڭ ئاساسى ئەرز داۋاسى» پەۋقۇلئاددە مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن توختىتىلدى. 2009-يىلىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 39 جىنايەتچى قۇيۇپ بېرىلدى.
2014-يىلى:
18-ئىيۇن: ئەنقەرە 10-ئېغىر جازا مەھكىمىسى كەنئان ئەۋرەن ۋە تاھسىن شاھىنكايانى 765- نومۇرلۇق تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ «دۆلەت ئارمىيسىگە قارشى جىنايەتلەر» باش تىمىلىق 146-ماددىسىغا ئاساسەن ئېغىرلىتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مەنبە: ئەلجەزىرە تورى
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved