شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ جاي ۋاقتى 7-مارت باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بارلىق ھەمكارلىقنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلىدى.
باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنى ھېچقانداق پايدىسى يوق بولغان ئۆز ئارا ئۆچ ئېلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغانلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە ۋاكالىتەن يىغقان باجنى پەلەستىنگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئېيتىلدى .باياناتتا خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاچقا پەلەستىن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىدە يەنە داۋالغۇش بۇلىشى مۇمنكىنچىلىقى بارلىقى ئېيتىلدى .بان كىمون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋەپسىزلىكى كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ئىسرائىلىيە بىلەن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئەڭ ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى جىددىي مۇراجىئەت قىلدى .
پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزى كومىتېتى 5-مارت بايانات ئېلان قىلىپ پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بارلىق ھەمكارلىقنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى .يەنە باياناتتا بۇ قانۇننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىلار مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز قۇرۇشى ،1967-يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىش نىزامى بويىچە ئىككى دۆلەت چېگرىسىنى بېكىتىشنى ۋە پەلەستىننىڭ مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلىشى،پەلەستىننىڭ پۇل مۈلكىنى توڭلىتىشنى ۋە داۋاملىق قامال قىلىشى نەتىجىسى چىقىرىلغانلىقى ئېيتىلدى .پەلەستىن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتتىكى تىنچلىق سۆھبىتى بۇلتۇر 4-ئايدا توختىغان ئىدى .بۇلتۇر 7-ئايدا ئىسرائىلىيە غەززەگە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىىغان ،بىر ئايىدىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇش ش ۋە غەززەدە نۇرغۇن ئۆلۈم يېتىم ۋە زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان .بۇلتۇر 4-ئايدا پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان ئىسرائىلىيىىنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى قارار لايىھىسى ماقۇللانمىغان.پەلەستىن تەرەپ ئارقىدىنلا جىنايى ئىشلار قانۇنى ،رىم كېلىشىمى قاتارلىق خەلقئارالىق ئەھدىنامە ۋە شەرتنامىلەرگە ئەزا بولۇشقا باشلىغان .بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە تېگىشلىك ۋاكالىتەن يىغقان باجنى توڭلاتقان ئىدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved