ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، كۆپلىگەن چولپانلار «پىلانىتلار ئۇرۇشى7» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
رېژىسسور J.J ئابرامىس باش رولچى خاررىسون فورد، مارك خامىل، كەررىي فىشېر، دەيسى رىدلىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
«بۈدرە چاچ» بېنېدىكىت چامبېرباچ ئايالى سوفىي خانتېر بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا پەيدا بولۇپ ياردەمچى سەپ تۈزدى.
بېكخامنىڭ ئىككى ئوغلى برۇكلىن يوسېف بېكخام ۋە رومېئو جەيمىس بېكخام ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ ياردەمچى سەپ تۈزدى.
فىلىمدىكى مۇھىم ئوبراز چېباكا (Chewbacca) ۋە سەلبىي رول كىلو رېن (Kylo Ren) قاتارلىقلار تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا پەيدا بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
«پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» بولسا فانتازىيەلىك فىلىم «پىلانىتلار ئۇرۇشى» يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ يەتتىنچى بۆلۈمى، J.J ئابرامىس رېژىسسورلۇق قىلغان، خاررىسون فورد، مارك خامىل، كەررىي فىشېر، دەيسى رىدلىي قاتارلىقلار بىرلىشىپ باش رول ئالغان. فىلىم ۋەقەلىكى «پىلانىتلار ئۇرۇشى6» دىكى ئىندو ئۇرۇشدىن كېيىنكى 31 يىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سامانيولى سېستىمىسىدا ئىككى تىركىشىدىغان يېڭى ھاكىمىيەت پەيدا بولىدۇ:«بىرىنچى تەرتىپ» ۋە «قارشىلاشقۇچى كۈچ». فىلىم 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved