جۇڭشىن تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
جۇڭشىن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ،خېيلۇڭجياڭدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن .خاربىن تۆمۈر يول قاتناش ئىدارىسى ،بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00ئۇچۇر ئاشكارىلاپ ،شۇ كۈنى سەھەر سائەت 03:17 دە ،خېيخې شەھرىدىن خاربىنغا قاراپ ماڭغان k7034قېتىملىق يۇلۇچىلار پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىگە يولۇققانلىقىنى ئېيتقان .
بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئۆلگەنلەر يوق ،15 ئادەم يارىلانغان بۇلۇپ ،دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈچۈن تېز سۈرەتتە يەتكۈزۈلدى . بۇ ھادىسە خېيلۇڭجياڭ تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ ۋاقىتلىق توشۇشتىن توختىشىغا سەۋەبچى بولغان بۇلۇپ ،جۇڭگو شىمالىي قىسىم تۆمۈر يول بۆلىكى قاتناشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدى .نۆۋەتتە ھادىسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈۋاتىدۇ .
خاربىن شەھەرلىك تۆمۈر يول قاتنىشى ئىدارىسى ،400يۈز كىشىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ،رېمونت قىلىش ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ ،بۇزۇلغان يول بۆلىكىنى رېمونت قىلىۋاتىدۇ ،يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،يارلانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزدى .
پويىز ئىستانسىسىدىن بېلەت سېتىش زالىدا ،بېلەت قايتۇرۇش مەخسۇس سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ ،ئالدىن بېلەت سېتىۋالغانلار ۋە قوزغىلىش ئالدىدا تۇرغان پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بېلەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بەردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved