ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن رۇسىيەگە بولغان ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلدى

قەدىرلىك دوستلار، گېرمانىيە تېلېگراف سىياسىي تورى 9-سېنتەبىر سۇرىيە ئامېرىكا-رۇسىيە توقۇنۇش مەزگىلىگە كىردى، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشى ھەربىي قارشىلىشىش خەتىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى دېدى. ئامېرىكا ئاقسارىيى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا 8-سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قاتتىق ئىپادە بىلدۈردى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسارايدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى ئونىست ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ۋە ھەربىي ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ دېگەن. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان، بىز مەيلى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن، رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار ھەرىكىتى سۇرىيە ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، مۇساپىرلار دولقۇنىنى يەنىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ، ھەتتا سۇرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەربىي قارشىلىشىش خەتىرىنى پەيدا قىلىدۇ دېدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرگەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە 50 مىڭ قېتىم ئايروپىلان چىقىرىپ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، لېكىن ئىسلام دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالمىدى دېدى.

ئامېرىكا ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇشتىن سىرت، يەنە رۇسىينىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكىتىنى تەدبىر قوللىنىپ توستى. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-سېنتەبىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بۇلغارىيە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇلغارىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، 1-سېنتەبىردىن 24-سېنتەبىرگىچە رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە بېرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەشيالىرى بېسىلغان ئايروپىلانلارنىڭ بۇلغارىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان. گىرېتسىيەمۇ ئوخشاش تەدبىر قوللانغان. گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاشكارا ھالدا ۋاشىنگتون بىزدىن مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلدى دېگەن. رۇسىيە گىرېتسىيە ۋە بۇلغارىيەدىن بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدانوۋ 8-سېنتەبىر خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، ئەگەر بىزنىڭ شېرىكلىرىمىز گىرېتسىيە بىلەن بۇلغارىيەنىڭ بۇ ئىشتا ھەر قانداق گۇمانى بولسا، ئۇلار بۇ گۇماننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. لېكىن بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ تەلىپى ئارقىسىدا، رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلەش ياكى توسۇش تەدبىرى بولسا، ئۇنداقتا بۇ-ئۇلارنىڭ مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىدە يەنىلا مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېدى. ئۇ يەنە ئىزاھات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە توشۇغىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەشيالىرى دېدى.

رۇسىيە ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇلغارىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىتوۋ 9-سېنتەبىر ئەگەر رۇسىيە سۇرىيەگە توشۇيدىغان ئەشيالارنى بۇلغارىيە ئايرودۇرۇمىدا تەكشۈرۈشكە قوشۇلسا، ئۇنداقتا بىز رۇسىيە تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىمىز دېدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كاتىپى پىسكوۋ 9-سېنتەبىر رۇسىيە زاپاس لىنىيە ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەشيالىرىنى توشۇسا بولىدۇ دېدى. رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقى 9-سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىخانىسى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىران رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە توشۇيدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەشيالىرىنى ئۆزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئېلىپ مېڭشقا قوشۇلدى دېدى.



خەتكۈچلەر:
11-09-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek