يەر شارى خەۋەر تورى 28-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئالما شىركىتىنىڭ ئىككىنجى ئۈچ ئايلىق ساپ پايدىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى مەزكۇر مەزگىلگە نىسبەتەن يۈزدە 33% ئېشىپ، 13 مىليارد 600 مىليون دوللارغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئالما شىركىتى 2015-يىللىق مالىيەسىنىڭ ئىككىنجى ئۈچ ئېيىنىڭ ئىقتىسادى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىگە قارىغاندا، شىركەت يانۋار-مارت ئايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككىنجى باسقۇچتا 58 مىليارد دوللار كىرىم ۋە 13 مىليارد 600 مىليون دوللار ساپ پايدىغا ئېرىشكەن. ئالما شىركىتىنىڭ ئىككىنجى باسقۇچلۇق كىرىمى ئۆتكەن يىلغا نىسبەتەن يۈزدە 27% ، ساپ پايدىسى يۈزدە 33% ئاشتى. ئالما شىركىتى 2014-يىلىنىڭ ئىككىجى ئۈچ ئايلىق باسقۇچىدا 45 مىليارد 600 مىليون دوللار كىرىم ۋە 10 مىليارد 20 مىيليون دوللار ساپ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئالما شىركىتى ۋال سىتىرت كوچىسى كۈتكەن پەللىدىن ئېشىپ ئايفۇن iPhone سېتىشتا زور رول ئوينىدى. شىركەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 1-يانۋاردىن 28-مارتقىچە سېتىلغان ئايفۇن سانىنىڭ 61 مىليون 170 مىڭدىن ئاشقانلىقى، بۇ نىسبەتنىڭ بۇلتۇرقى مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا يۈزدە 40% ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، شىركەتنىڭ ساتقان ئايپەد iPad سانى 12 مىليون 600 مىڭغا يىتىپ، تەخمىنەن كۈتۈلگەن 14 مىليونغا يىتەلمىدى. ئالما شىركىتى ئالدىنقى باسقۇچتا 16 مىليون 400 مىڭ ئايپەد iPad ساتقان ئىدى.
ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك، ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئايفۇننىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان غەلبىسىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، «كۈندىلىك يېڭى ئايفۇن ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە يۇقىرى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۋاتىمىز» دېدى.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved