تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن، 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى قىسمەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە گاز توختايدۇ.
ئۈرۈمچى سايباغ رايونىنىڭ غەربىي شىمال يولى بۆلەك رايونىدا گاز توختاش ۋاقتى 25-ئاۋغۇست سائەت 23:00تىن 26-ئاۋغۇست سائەت 08:00گىچە بولىدۇ. گاز توختايدىغان رايونلار:
ئۈرۈمچى يۈنشياڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى شىركىتى، دوستلۇق جەنۇبىي يولى 57-نومۇر، شەنيۈەن ئولتۇراق رايونى، دوستلۇق جەنۇبىي يولى 101-نومۇر، غەربىي شىمال يولى 16-نومۇر، شىخەنزە سارىيى ئولتۇراق رايونى، چۇاڭتيەن ئۆي-مۈلۈك سارىيى، جىنخەي ئۆي-مۈلۈك سارىيى، تيەنجاڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېت، شىنمېي سارىيى، غەربىي شىمال يولى 9-نومۇر، تەيپىڭياڭ سۇغۇرتا شىركىتى، قىزىلتاغ پوچتا ئىدارىسى، خىزمەتچىلەر تاماقخانىسى، توز مەھەللىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تەڭرىتاغ رايونىدا 26-ئاۋغۇست سائەت 23:00تىن 27-ئاۋغۇست سائەت 8:00گىچە گاز توختايدىغان بولۇپ، ئاساسلىق دائىرە: ئەسىر پاركسون مال سېتىۋېلىش مەيدانى، بەيخۇاسۈن تېز تاماقخانىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، 12-ئوتتۇرا مەكتەپ، بېيفاڭ مەسچىتى، سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك 6-شىسى مېھمانخانىسى، سودا بانكىسى، پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك شىركىتى، خۇاجيەن ئولتۇراق رايونى، جۇڭگو بانكىسى تارماق بانكىسى، جيەنشىن كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved