شىنخۇا ئاگېنىتلىقى ئۇچۇرى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى شەھەر ۋاندا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر مەيدان تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەتتىگەنلىك ناشتا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ جەمئىي 51793ئادەم قاتناشقان ، بۇ سان ئەتتىگەنلىك تاماققا ئورتاق قاتنىشىش دۇنيا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان .
بۇ دۇنيا بۇيىنچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەتتىگەنلىك ناشتا شۇ جاي ۋاقتى 7دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ۋان شەھرىدىكى ئاتا تۈرۈك مەدەنىيەت باغچىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان . شۇ يەرلىكتىكى بىر قىسىم ئامما بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن سەھەر سائەت تۆت بەشلەردىلا باغچىغا كىلىپ ساقلاپ تۇرۇشقان. بەزى ئائىلدىكىلەر ئۆيدىكى قېرى-ياش 20دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سەپكە تىزغان. باغچىغا تۇتشىدىغان چوڭ-كىچىك يوللارنىڭ ھەممىسىلا لىق ماشىنىغا تولغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەربىر كىشى بىر قاچىغا ئېرشىدىغان بۇلۇپ ئىچىدە ۋان شەھرىنىڭ ئالاھىدە تامىقى بار بۇلۇپ سۈت، ئۈچەي كاۋپى، كۆتات سالاتى، ھەسەل،مىۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
بۇ قېتىمقى ئالاھىدە مول بولغان ئەتتىگەنلىك تاماق ۋان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ۋان شەھرىدىكى سودا-سانائەت بىرلەشمە ئۇيۇشمىسى تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، جەمئىي 3توننا تۇخۇم، 1توننا سۈت ، 1.5توننا ھەسەل ۋە باشقا يىمەكلىكلەر سەرىپ بولغان.
ۋان شەھەرلىك سودا-سانائەت بىرلەشمە ئۇيۇشمىسنىڭ رەئىسى نېجدات تەقۋانىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ۋان شەھرىنىڭ ماركىسنى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان بۇلۇپ ۋان شەھرىنىڭ ئەتتىگەنلىك تامىقىنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى مەقسەت قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved