2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدالار يىغىنى 5-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 5-نويابىر تېلېگراممىسى : 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدالار يىغىنى 5-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرى يىغىن ھەپتىلىكى باشلاندى .
بۇ قېتىمقى ئەمەلدارلار يىغىنى ئىككى كۈن ئېچىلىدۇ . يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنىنىڭ رەئىسى ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
بۇ قېتىمقى ئەمەلدارلار يىغىنىمۇ 5-نويابىردىن 11-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرى يىغىن ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى مەيدان پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئارقىدىنلا ، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ، سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ، APEC رەھبەرلىرى بىلەن سودا-سانائەت مەسلىھەتچىلىك جەمئىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى ھېسابلانغان 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 22-قېتىملىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى 10-نويابىردىن 11-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved