ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى. « ۋال سىترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئىلگىرى بار بولغان كۆمۈش كۈل رەڭ، قارا ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئاساسىدا يېڭىدىن بىر نۇسخا مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن ھال رەڭلىك iPhone نى بازارغا سالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە iPhone 6 كۆمۈش رەڭ، قېنىق كۈل رەڭ ۋە ئالتۇن رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە ئىشلەنگەن. iPhone 6s بولسا يېڭىدىن ھال رەڭنى قوشىدىغان بولۇپ مەخسۇس ئايال ئابونتلار ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن. iPhone 6s نىڭ سىرتقى قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئوخشاشلا 4.7 دىيۇم ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئىككى خىل نەشىرگە بۆلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا iPhone 6s يەنە تېخى Apple Watch قا ئىشلەتكەن Force Touch بېسىمنى كونتىرول قىلىش تېخنىكىسىنى قوشىدىكەن. بىراق ئىلگىرى تارقالغان گەپلەردىكىدەك قوش كامېرا سەپلىمەيدىكەن.
بۇ ھال رەڭلىك iPhone 6s نىڭ ئوماق رەڭگى چوقۇم ئايال ئابونتلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ.
ئىگىلىنىشچە iPhone 6S بولسا Apple Watch نىڭ بازارغا چىقىشى ئۈچۈن سەپلەنگەن مەھسۇلات ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشچە ئالما شىركىتى بۇ يىل 5-ئايدا سىناق ھالدا iPhone 6s نىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەشنى باشلايدىكەن. بىراق رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقتى يەنىلا كۈز پەسلى ئىكەن.
![]() |
بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دۆلەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارىغا كىردى。
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى. تۈنۈگۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved