چەتئەلدىكى نەنجىڭ چوڭ قرغىنچىلىقى تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى دائىملىق تارىخ ماتېرىياللىرى سارىيى- «نەنجىڭ بالا-قازاغا ئۇچرىغان مەزگىلدىكى ئامېرىكا قەھرىمانلىرى خاتىرە سارىيى» يېقىندا ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ تارىخ ماتېرىياللىرى سارىيىغا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە نەنجىڭدە تۇرىۋاتقان جون ماكى، موننى ۋېترىن، روبېرت ۋېلسون قاتارلىق ئامېرىكىلىق 22 گۇۋاھچىنىڭ تارىخىي ماتېرىيالى قويۇلغان، 335 تارىخىي سۈرەت، 94 تارىخىي ئىسپات بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىنغان. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ پەخرى باشلىقى، تەتقىقاتچى جۇ چېڭشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى تارىخىي كۆرگەزمىسى ئىلگىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 30 نەچچە شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ يەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق كۆرگەزمە ئىدى. بۇ قېتىم ئەلئىچى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق، لوس-ئانژىلىستا چەتئەلدىكى تۇنجى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى دائىملىق خاتىرە سارىيى قۇرۇلدى، بۇ مۇشۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇشقا پايدىلىق.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved