ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا 13 ئادەم چىقىپ «يولۇچىلار ئاپتوموبىلى»غا ئايلاندى

      يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئايلىنىپ يولغا چىققان، بۇنى ئازا دەپ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئالغان، يەنى كوزۇپىغا 13 ئادەمنى چىقارغان. يۈننەن خۇڭتادىكى قاتناش ساقچىسى يېقىندا چارلاۋاتقاندا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئادەم ئالغان ئەھۋالنى بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالغان.    1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 14 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، خەلق ساقچىسى چارلاپ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ليەن چى يولىغا كەلگەندە، شەھەرنىڭ شىمالىدىن ليەن چىغا قاراپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ يۈك باسىدىغان كوزۇپىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قىستىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن.

     ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى سەزگەن خەلق ساقچىسى دەرھال توكسىكلىتنى توسۇپ، يول بويىدا توختىتىپ تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا جەمئىي 13 ئادەمنىڭ چىققانلىقى ئېنىقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق بالىمۇ بار ئىكەن. شوپۇردىن سوراش ئارقىلىق ئايان بولۇشىچە، ئۇلار ئېتىزلىقتا بىللە ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر بولۇپ، ۋاقىتلىق قولايلىقنى كۆزلەپ، توكسىكلىتقا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئادەم ئېلىشنىڭ خەتىرىنى ئويلاشمىغان.

 خەلق ساقچىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلغان، ھەمدە ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ شوپۇرى ۋە يولۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرى توغرىسىدا تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بارغان.

    قاتناش ساقچىسى ئاگاھلاندۇرىدۇكى: ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ قورۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، تورمۇزلاش ئىقتىدارى ئاجىز، يولۇچىلار ۋە شوپۇرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، شوپۇرلار ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ھەيدىگەندە، ئاڭلىق ھالدا قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئادەم ئالماي، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھەيدەپ، يولدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى يوقىتىپ، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
08-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مانگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تارىمنى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم يېڭى مۇسابىقە بۆلىكى ئىشلەتتى، باشلىنىش نۇقتىسى چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چاقىلىق...
27-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا يېڭى نۇسخىدىكى مازىدا Axela ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىل مازىدا Axela ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئۆزگەرتىلگەن...
Powered by Leglek