رېيتېر ئاگېنتلىقى 26-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابولدا تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ماشىنىسى نىشان قىلىنغان ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا بىر تۈركىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى. يەنە بىرى يارىلاندى. ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا بىلەن قىلىنغان ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا 1 تۈركىيە پۇقراسى ئۆلۈپ، يەنە بىرى يارىلاندى.
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ئەييۇپ سالانى، ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرى ئىشلەتكەن ماشىنىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ ماشىنىنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇ ھۇجۇم بۈگۈن ئەتىگەن تۈركيە، گېرمانىيە ۋە ئىران باش ئەلچىخانىسى جايلاشقان رايۇندا ئېلىپ بېرىلدى. ئۆلگەن ۋە يارىلانغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تېخىچە بىرەر يىپ ئۇچى بېرىلمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved