خېشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئۈچ يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن فېڭ جۇيى يۇرتى گۇۋاڭدۇڭ دىن شىنجاڭنىڭ قەشقەرگە كېلىپ پىدائىي بولىدۇ ،ئۈرۈمچىدە 22-ماي زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن فېڭ جۇيى توردا كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى تېرورچىلاشتۇرۋەتمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ .
فېڭ جۇيى مۇنداق دېدى :‹ بۇ ئىشنى بىلىپ بەك ھەيران قالدىم ،ئۇ كىشىلەر نېمە دېگەن قەبىھ ،ئارقىدىنلا يان تېلېفونغا قانداق ئەھۋالىڭىز ھاياتمۇ سىز دېگەندەكلا ئۇچۇر كېلىۋەردى ،ئاكاممۇ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ دەپ يېزىپتۇ تېخى ›. فېڭ جۇيى بۇ يىل 25 ياش ،ئۇ ئۆزىنىڭ يىراق گۇاڭدۇڭدا تۇرۇۋاتقان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى بۇنىڭ بىلەن قوشقاندا قانچە قېتىم ئەنسىرەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ،22-ماي زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچىنچى كۈنى ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ،يېقىندا يۈز بەرگەن شىنجاڭغا چېتىلغان تېررورلۇق ۋەقەسى توغرىسىدا دوستلار سىلەرگە دېمەكچىمەنكى دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ،ناھايىتى تېزلا تورداشلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹ مەن گۇاڭدۇڭلۇق بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغۇچىى بۇلۇپ ھېسابلىنىمەن ،مەن بۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئەمەس ،ئەمما بۇ يەردە كۆرگەن ھەقىقىي ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچىمەن .....،
فېڭ جۇيىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا شىنجاڭغا كېلىش خاتىرىسى ناملىق مەخسۇس تېما بار بۇلۇپ ،ئۈچ يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا كەلگەندىن باشلاپ ئۇ تۇرمۇشتا ئۇچرىغان گۈزەل مەنزىرىنى ،مەززىلىك تائاملار ،تەبئىي شارائىت ،ئۆرۈپ ئادەتلەرنى شۇ تېمىدا كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ كېلىۋاتقان بۇلۇپ ،ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىغان .بىرنچى ماقالىسىدا ‹دوستلار سىلەر تېرورچىلارنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ سەزگۈرلىكىدىن پايدىلىنىپ زور دەرىجىدە مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر دەپ يازىدۇ .ياخشى ئادەمنى ئوغرىغا ] چىقىرىۋەتسىڭىز ئۇلارغا ئاشۇنداق قالپاقنى كىيدۈرسىڭىز ئۇلار نىڭ قەلبىدە داغ پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ،بۇ ئۇلارنى بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىك بولىدۇ .2011-يىلى ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن فېڭ جۇ يى نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇش شارائىتىگە ئېرىشىدۇ ،شۇنداقلا گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ ،ئەمما بۇ پايدىلىق شارائىتلار ئالدىدا ئۇ كىشىلەر خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن شىنجاڭغا بېرىشنى تاللايدۇ .
فېڭ جۇيىنىڭ ئاپىسى مۇنداق دەيدۇ :‹ ھازىر كۆڭلۈمدىكىسىنى دېسەم ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلەشكە پېتىنالمايمەن ،مېنىڭ سېنىڭ بارغۇزغۇم يوق دەي دېسەم تېخى ،بارغۇزاي دېسەم ئىچىم ئاغرىيدۇ ،كۆزۈم قىيمايدۇ›. فېڭ جۇيى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە قەشقەرگە بارغان پىدائىي بۇلۇش سۈپىتىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان ،چوڭ شەھەردە چوڭ بولغان فېڭ جۇيى ناھايىتى تېزلا چېگرا رايون تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ، تەرەققىي قىلغان يۇرتىغا سېلىشتۇرغاندا قەشقەرنىڭ تۇرمۇشى سەل جاپالىق بولسىمۇ لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن فېڭ جۇيى نۇرغۇن ئۇيغۇر دوست تۇتتى ،ئادەتتە ئۇلار بىر بىرىگە سۆز ئۆگەتتى ،ئادەتتە فېڭ جۇ يى نەچچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلىدا راۋان پاراڭلىشالايدۇ ،شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ ئۇيغۇرلار يېمەكلىكنىڭ پاكىزلىققا ھالالىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن ،ئۇلار ئۆزى يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ،ئۇنداق نەرسىنى سەن يېدىڭ سېنى پەس كۆرىمەن دېمەيدىكەن ،ئەتىدىن كەچكىچە سۆزلەپ يۈرمەيدىكەن ،بىر بىرىگە ئاداۋەت ساقلىمايدىكەن ،ناھايىتى ئېسىل پەزىلەتلىك ئىكەن .ئىنگىلىز تىلىغا پىششىق فېڭ جۇيى ھەر ھەپتىدە شۇ يەردىكى بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىز تىلىدىن دەرس بېرىدۇ ،ئۇ پاراۋانلىق ئورنىدا كىتابنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرگەندىن كېيىن توردا ئىئانە توپلاش ئارقىلىق پاراۋانلىق ئورنىغا كۈتۈپخانا ھازىرلاپ بەردى ،بىر يىللىق پىدائىيلىق مەزگىلى تېزلا ئاياغلاشتى ،فېڭ قۇ يى ئۆيگە قايتسا بولاتتى ،لېكىن ئۇ يەنە ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان قارارنى چىقىرىپ شىنجاڭدا داۋاملىق قېلىپ قالدى ، فېڭ جۇيى شىنجاڭ بىلەن شىنجاڭلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن سەمىمىي دوستلۇق ئورناتتى .
شىنجاڭدا فېڭ جۇيىغا ئوخشاش پىدائىيلار ناھايىتى كۆپ ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ .«شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك»، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تارىخىي پۇرسەتنى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن ياخشى شارائىتلارنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك». باش سېكرېتارنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ غايەت زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى شەرھلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق يۈرەك ساداسى سۆزلەنگەن ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە مۇھىم تۇتقۇسى تەكىتلەنگەن.
مۇقىملىق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شىنجاڭنىڭ 60 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، قاچان جەمئىيەت مۇقىم بولسا، شۇ چاغدا ئىقتىساد گۈللەنگەن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى باياشات ئۆتكەن؛ قاچان ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزۇلسا، شۇ چاغدا ئىقتىساد بىر ئىزدا توختاپ قالغان ياكى چېكىنگەن. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى، بەختى كاپالەتسىز قالغان. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇقىملىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ ھاياتلىق تومۇرى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. بۈگۈنكى شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىياتنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھالقىش ئۈچۈن مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، تەرەققىيات ئاندىن يۈكسىلەلەيدۇ؛ ئەكسىچە، جەمئىيەت قالايمىقان بولۇپ، پاراكەندىچىلىك بولسا، ھايات ۋە مال – مۈلۈككىمۇ كاپالەتلىك قىلماق تەس بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھالقىما تەرەققىياتتىن قانداق سۆز ئېچىش مۇمكىن؟ دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، بۈگۈنكى شىنجاڭدا كىشىلەر مۇقىملىققا، خاتىرجەملىككە ئىنتىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى.
شۇنى چوقۇم كۆرۈش كېرەككى، ھازىر تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يەنە بىر قېتىم شۇنى كۆرسەتتىكى، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ بولۇپ، بەزى چاغلاردا بەك كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ «قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش»تەك ئەسەبىيلىكى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا، ئاندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ؛ پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا، ئاندىن مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەرگىلى بولىدۇ؛ پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى، تىنچ – ئىتتىپاق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدىغىلى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بىز ئىدىيەمىزنى مەركەزنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە، مەركەزنىڭ فاڭجېن، سىياسەت ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تايىنىپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، مۇستەھكەم قالقان ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. «مۇقىملىق بەخت، مالىمانچىلىق ئاپەت». قەدىمدىن تارتىپلا چېگرا رايون مۇقىم بولسا، ئىچكىرى رايونلار تىنچ بولغان؛ چېگرا رايون قالايمىقانلاشسا، دۆلەت مۇقىم بولمىغان. مۇقىملىققا، تىنچلىققا، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش شىنجاڭدىكى 22 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، كەسكىن بولغاندىلا، بارلىق بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق سۇيىقەستلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم سېپىل قۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ زور ھالقىش، زور راۋاجلىنىش، زور گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved