قەدىمكى مىسىر فىرئەۋنىنىڭ قەبرىسى خانىشنىڭ قەبرىسىگە تۇتىشىشى مۇمكىن
تۇتانكامۇننىڭ مومياسى
جۇڭگو گېزىتى تورى، 29-نويابىر خەۋىرى: فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارخېئولوگلار قەدىمكى مىسىر فىرئەۋنى تۇتانكامۇننىڭ قەبرىسىنىڭ يەنە بىر سىرلىق قەبرىگە تۇتىشىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. سىرلىق قەبرىدە بەلكىم ئالىملار ئىزدەۋاتقان نېفېرتىلى خانىشنىڭ مومياسى بولۇشى مۇمكىنكەن، بىراق بۇ پەرەز بولۇپ، تېخى تالاش-تارتىشتا بولغاچقا، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدىكەن.
تۇتانكامۇننىڭ ئاتىسى ئاكېنناتېن فىرئەۋن بولۇپ، نېفېرتىلى ئاكېناتېننىڭ خانىشى ئىكەن. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 14-ئەسىردىكى قەدىمىي مىسىردا نېفېرتىلى سىياسىي، دىنىي ساھەلەردە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولغان. ئارخېئولوگلار خانىش نېفېرتىلىنىڭ مومياسىنى ئىزدەپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى، ناۋادا بۇ قېتىم تېپىلغىنى راسستتىنلا خانىشنىڭ مومياسى بولسا، قەدىمكى مىسىر تەتقىقاتىدىكى غايەت زور بۆسۈش بولغان بولاتتى.
تۇتانكامۇننىڭ مومياسىنىڭ نىقابى
تۇتانكامۇننىڭ قەبرىسى
توتانكامۇننىڭ مومياسى
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved