ئامېرىكا رۇسىيە ھەمدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-سىنتەبىر: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتە بۇ ئەسەبى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە سەل قاراپتۇق دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى بىر يۈرۈش بومباردىمان قىلىش ھەرىكەتلىرى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن يارىشىپ، ئامېرىكىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.


ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئەسەبىى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى دۈشمەن دەپ قارىغىنى بىلەن ئەمما بۇ دۈشمەننىڭ دۈشمىنى دوستىمىز دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئامېرىكا رۇسىيەنى سۈرىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق تەشكىلاتىغا ئورتاق زەربە بېرىشكە ئاغزى ئۇپراپ كەتكىچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، رۇسىيە يەنىلا چەت چېگرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئارىلىشىشنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا سۈرىيەنى بومباردىغان قىلغاندىن كېيىن رۇسىيە يەنىلا بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن ئارىلىق ساقلىدى، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ھىچقانداق ئىشنى ئۆزگەرتەلمىدى.


بەزى سىياسىي تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۆندۈرۈشى ھەقىقەتەن قىيىن، ئەمما رۇسىيە ھەرىكەتكە قاتناشقان ھامان بۇنىڭدىن نەپ ئېلىشى مۇمكىن، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، سۈرىيەدىكى بومبارىدىماندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئەسەبى تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن قوراللىق خادىملىرى رۇسىيە چىچىنىيە جۇمھىرىيىتىدىن كەلگەن ئىكەن، ئەگەر بۇ كىشىلەر رۇسيەگە قايتسا رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ.


ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر رۇسىيەنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا بىرلەشمە فرونتىغا كىرىشكە ئېنىق تەكلىپ قىلىپ باقمىدى، ئەمما نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتى رۇسيەدىن ساقىد بولسا بولمايدۇ.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ داۋاملىق بومباردىمان قىلىشىغا ئەگىشپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى شۆبىسى ــ قۇتقۇزۇش فىرونتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن يارىشىپ، ئامېرىكىغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.


سۈرىيە توقۇنىشىدا قۇتقۇزۇش فىرونتى بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىچكى تىركىشىشى توختىمىدى، بازا تەشكىلاتى ئىلگىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى، قۇتقۇزۇش فىرونتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇ مۇھەممەد. چولانى 28-سىنتەبىر ئىنتېر تورى ئارقىلىق لېنتىغا ئېلىنىغان بىر ئاۋازنى قويدى ئۇنىڭدا: غەرپ ئەللىرىدىكى ئامما ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق سۈرىيەنى بومباردىمان قىلىشىنى توسمايدىغان بولسا، ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ دېيىلگەن ئىدى.


ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچىلەر» ژۇرنىلى 28-سىنتەبىر قۇتقۇزۇش فىرونتىنىڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەزاسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 26-سىنتەبىر كۈنىلا قۇتقۇزۇش فىرونتىنىڭ 73 خادىمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى لاگىرىغا ئۆتۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە كۈندە تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھى فرونتىدا ئىلگىرى غەرپ ئەللىرىنىڭ بومباردىمانى ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىدى، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ بومباردىغان نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.


ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-سىنتەبىر كەچتە قويۇلغان تېلىۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىدىنى سەل چاغلاپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە سۈرىيەنى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتنىڭ بۆشۈكى دەپ ئەيىپلىدى، بەزى تەھلىلچىلەر ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوباما سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ يەنىلا سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.


ئوباما ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قانداق قىلىپ سۈرىيە ۋە ئىراقتىن ئىبارەت بۇ دۆلەتتە شۇنچە چوڭ زېمىننى ئىشغال قىلالايدۇ دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ: بىزنىڭ ئاخبارات نازارەتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلارغا سەل قارىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى دېدى.


ئوباما ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيتى ھەققىدە سۆز ئاچمىدى، ئەمما ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى سۈرىيەدىن كۆردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىراقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى بازا تەشكىلاتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن بازا تەشكىلاتى يەر ئاستى ھەرىكىتى قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئوباما سۈرىيەدىكى مالىمانچىلىقنى ئەيىپلەش بىلەن بىرگە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگۈسى يوقلۇقىنى، سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكى ئەمما بارلىق جەرياندا باشار رەھبەرلىك قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەققىدە ئوباما مۇنداق دېدى: بىزدە باشقىلاردا يوق ئىقتىدار بار، بىزنىڭ ئارمىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئارمىيە، شۇڭا يەر شارىدا باشقا جايلار ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىسا رۇسىيەنى ئەمەس ئامېرىكىنى ئىزدەيدۇ.


ئەمما ئوباما بومباردىغان قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىشنى رەت قىلدى.



خەتكۈچلەر:
02-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek