رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى كاناشىنكوف 23- دېكابىر مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېقىندا سۈرىيە تەۋەسىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئىككى نېفىت زاپاس ساقلاش بازىسى بىلەن بىر مەشىق قىلىش لاگېرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇ شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۇ-34 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى 22- دېكابىر سۈرىيەنىڭ دەرزور شەھەر رايونىدا تېررورچىلارنىڭ ئىككى نېفىت زاپاس ساقلاش بازىسى بىلەن ئۇچ نېفىت قىزىق ئۈسكۈنىسىنى ۋەيران قىلدى. رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيە تەۋەسىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق زەربە بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 22- دېكابىر يەنە سۈرىيەنىڭ ئىدىرىف ئۆلكىسىدىكى تېررورچىلارنىڭ بىر مەشىق قىلىش لاگېرىنى ۋەيران قىلدى. بۇ مەشىق قىلىش لاگېرى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئاخباراتنى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تەمىنلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved