ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ماھىيەتلىك سۆھبەت باسقۇچىغا كىردى

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى پۈتكۈل خەلقئارانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى، يېقىندا بۇ مەسىلىدە بىر قىسىم ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەر بولدى، ئىران بىلەن ئامېرىكىمۇ يېقىندا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ سەمىمىي پوزىتسىيىنىڭ بولۇشىغا مۇھتاج بولماقتا.


ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىردى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا، ئىككى تەرەپنىڭ 9-، 10-ئىيۇن ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە سۆھبىتىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇمۇ ئىراننىڭ- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئۈچرىشىش.


ئىران تەرەپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى ئۈچرىشىش ئىنتايىن مۇھىم. ئىران ئامېرىكا بىلەن ئالاقىلىشىشقا موھتاج ، چۈنكى ئىرانغا قارىتىلغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى جازانى ئامېرىكا يولغا قويغان. ئىران يەنە مۇنداق دېدى: ئىران بىلەن ئامېرىكا سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن، ئىراننىڭ سۆھبەت ۋەكىلى يەنە رۇسىيە ۋەكىلى بىلەن كېڭىشىدۇ.
ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن 6 ئايلىق ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئىران دەسلەپكى قەدەمدە توڭلىتىلغان 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت كىرىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئوران ئىشلەپچىقىرىش قەدىمىنى ئاستىلىتىشقا قوشۇلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر يەنە، سۆھبەت مۇساپىسىگە يەنىمۇ تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن،بۇ يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قوشۇلدى.


بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سۆھبەتتە ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلمىدى. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر قېتىم سۆھبەت ئىلىپ بېرىلدى، چەتئەللەر كېلىشىم تۈزۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كېيىن بۇ ئىسپاتلانمىدى. ئامېرىكا بىلەن ئىران، ئىككى تەرەپ مەيدانىدا يەنىلا بىر قەدەر زور ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.


بىراق، يېقىندا ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 7-ئايدا دەل ۋاقتىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشدىن ئۈمىد يوق ئىكەن. يېقىندا، ئامېرىكا ئىقتىساد ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن دىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقا ئارقىدىنئىراندا زىيارەتتە بولدى. يېقىندا، ئىران زۇڭتۇڭى روخانى ئۈمىدۋارلىق بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى توقاي مۇساپىلىرىدىكى ھەر قېتىملىق توسالغۇلىرىدا، دائىم ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەۋرى تاقىتىنى، ئىشەنچىسىنى ۋە سەمىمىيتىنى سىنايدىغان ئاچقۇچلۇق پەيت بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

 


ھەر قايسى تەرەپلەر ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچرىشىشنىڭ، كېيىنكى باسقۇچتا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۇمانىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنىڭ يەكۈنى بولماقتا. غەرب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىدى. ئىران بولسا ئامېرىكىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش نىيىتىدىكى ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە قاراتقان ئۇسۇلى ۋە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسى ئىراننىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

 


ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى ئىككى تەرەپلىك قارشىلىشىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك سىياسىي يۆنىلىشى ئارقىلىق سۆھبەت مۇساپىسىنى چەكلىگىلى بولمىدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا، پۈتكۈل يەر شارى پۇل مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ قالدى. بۇ ئەھمىيەتتىن قارىغاندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبەت مېخانىزمى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ قىيىن مەسىلىنى تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
تارىخى تەجرىبىلەر كىشىلەرگە، جازالاشنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماستىن، بەلكى قارشىلىشىشنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. دىپلوماتىك سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى - ۋەزىيەت قانچىلىك مۇرەككەپ بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئالدى بىلەن ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىشنى ئويلىشىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساسىدا سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆڭۈل بىلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.


جۇڭگو تەرەپ باشتىن ئاخىرى، سۆھبەتلىشىش ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر توغرا ۋە ئۈنۈملۈك يولى دەپ قاراپ كەلدى. ئىراننىڭ خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يادرو ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو قوراللىرىغا بولغان ئەندىشىنى پەسەيتىدىغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ئىمزالاش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنداقلا يەر شارى تىنچلىقىغا پايدىلىق.


نۆۋەتتە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە ئۇزاق مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۇستىدە ئىزدىنىشتىن ماھىيەتلىك سۆھبەت باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي تەدبىر قوللىنىپ، بىر بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۇستىدە ئىزدىنىپ، سۆھبەتنىڭ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىشىگە تۇرتكە بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئىلھام مامۇت



خەتكۈچلەر:
11-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek