نۇر تورى تەرجىمىسى: 2016-يىلى 13-مارت شەندۇڭ ئۆلكىسى بىڭجۇ شەھىرىدىكى بوخەي 7-يولىدا، بىر تاكسى بىلەن ماشىنا توسۇش دېتالى سەپلەنگەن ماشىنا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كوللېكتىپ قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇن تاكسى ۋە ماشىنا توسۇش دېتالى سەپلەنگەن ماشىنىلار بۇ يەرگە توپلىشىپ ماجىرا تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت خەۋىپسىزلىك، ئالاھىدە ساقچى، قاتناش ساقچىسى، قاتناش باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىپ تەرتىپ ساقلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە تۇغدۇرغان ماشىنا قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، 100 دىن ئارتۇق تاكسى بىڭجۇ شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئادىللىقنى ياقىلاپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىدىغان «قارا ماشىنىلار»غا قاتتىق زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. رەسىمدە: تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش نەق مەيدانى.
رەسىمدە: تاكسى ماشىنىلىرىنىڭ ئەينىكىگە بىڭجۇ شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان قانۇنسىز تىجارەتكە زەربە بېرىش ئۇقتۇرۇشى چاپلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved