دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، رۇسىيە ئۇفا، 8-ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل 5-ئايدا بىز موسكۋادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇچرىشىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئورتاق قاتنىشىپ، دۇنيانى 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە خەلقئارا ئادىللىقنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغانىدۇق. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يىراق شەرقنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇشنى بېكىتكەنىدۇق. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىز ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، بىر قىسىم يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ئۆزئار تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، ھەمكارلىق ساھەلىرى كۆپ، بازار بوشلۇقى كەڭ. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ياخشىلىشى، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ياۋروپا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ماس قەدەمدە ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم سۇپا دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق بوشلۇقلىرىنى ئېچىپ، پۈتۈن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتى، ھەمكارلىقى، گۈللىنىشىگە باشلامچى بولۇش كېرەك. ئىككى دۆلەت ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىنى پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved