رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىسوف 31-ماي تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: گەرچە رۇسىيە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان دۆلەت قورال جابدۇق تەرەققىيات پروگراممىسىدا ئاۋىياماتكا ياساش پىلانى بولمىسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە ئاۋىياماتكا ياساش مۇمكىنچىلىكىنى بار، رۇسىيە كەلگۈسىدىكى ئۈچ خىل ئاۋىياماتكا لايىھەسىنى تۈزدى.
بورىسوف 31-ماي يەنە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تۈزگەن يەر شارى بويىچە تېز سۈرئەتتە زەربە بېرىش پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانماقتا، بۇ يېڭى ئېغىر تىپتىكى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەڭداشسىز قورال بولۇپ قالىدۇ، ھەرقانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى بۇسۈپ ئۆتەلەيدۇ، ئۇنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved